ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ- كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
【发布时间】2019-10-20  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى رېن شىنجيې خەۋەر قىلىدۇ:

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى كەسپى داشۆسىدە قۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ بىرلەشمە ئارقىلىق مائارىپ بىلەن ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسىگە ئەزا ئورۇنلار-- 19 ئالىي مەكتەپ، 21 ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساياھەتچىلىك كارخانىلىرىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتىۋالغان ساياھەتچى 2018- يىلى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ساياھەتچىلىك كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى-- ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. شۇ سەۋەپتىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ داشۆ ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆنىڭ باشلامچىلىقىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان ساياھەتچىلىك كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك كوپىراتىپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ فېڭ مۇنداق دېدى: شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، بىز ھازىر جىددىي ھەل قىلىشقا ئىھتىياجلىق بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

  پىلان بويىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسى كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنى ساياھەتچىلىك باشقۇرۇش كەسپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشكە تەشكىللەيدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسىگە ئەزا ئالىي مەكتەپلەردىن لېكتورلار ئۆمىكى تەشكىللەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارغا يۈزلىنىپ، ساياھەتچىلىك كەسپكارلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەتچىلىك كارخانىلىرىغا يۈزلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك ۋە تۈرلۈك تەربىيەلەش، شۇنىڭدەك ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئوقۇتقۇچىلىرى ئامبىرىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن شياۋشيا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆگە ئوخشاش شىنجاڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بار. پەن- تەتقىقات جەھەتتە، ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوملار ۋە كارخانىلار بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىمىز.

  كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسى ساياھەتچىلىك بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى پىلانلاش ۋە يېتەكلەش، ئۆزگىچە داڭلىق ماركا يارىتىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەتچىلىك كەسپى بويىچە ئېسىل دەرسلىك تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپچىلىكنىڭ ئەقلى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مائارىپ بىرلەشمىسىگە ئەزا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كارخانىلىرىنى ئەقلىي كۈچ ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنى ساياھەتچىلىكتە ئىقتىسادىي كۈچلۈك رايون ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  تەرجىمان: مىھرىئاي

 

相关阅读