ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئالىي مەكتەپلەر ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇردى
【发布时间】2019-10-20  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئالىي مەكتەپلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى باشتىن- ئاخىر پۇختا ئىگىلەپ، باش تېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆلچەم ۋە سالماقنى تۆۋەنلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن ئۆزگەرتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى.

  باش تېما تەربىيەسىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئائىت ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) باج ئىدارىسى 1- سەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە زىيارەت قىلىپ، «پۈتۈن مۇساپە بويىچە توردا بېجىرىش»، باج ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىنى سەرخىل ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، باج مەنبەسىنى باشقۇرۇش ۋە باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى تەقسىملەش قاتارلىق توققۇز جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام باج يىغىش ئىشلىرىدىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلدى. شىنجاڭ «مۈشۈكئېيىق» كاتىبات- مالىيە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى خې جىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر باج ئىدارىسىدا باج ئىشلىرىنى بىر قېتىمدىلا بېجىرەلەيمىز. ئىلگىرى تالون كېسىش كەسپىنى چوقۇم باج ئىدارىسىغا بېرىپ بېجىرىشىمىزگە توغرا كېلەتتى، ھازىر توردىلا بىۋاستە بېجىرەلەيدىغان بولدۇق.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) باج ئىدارىسى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى قەرەلسىز تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، «مەسىلىنى كۈتۈپ تۇرۇش» تىن «مەسىلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش» قا قاراپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) باج ئىدارىسى 1- باج پونكىتىنىڭ باشلىقى خې يىۋېن مۇنداق دېدى: ھازىر 347 تۈردە «پۈتۈن مۇساپە بويىچە توردا بېجىرىش» نى ئىشقا ئاشۇردۇق ھەم ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى تەسىس قىلدۇق. بۇنىڭدا ھەر بىر كىشىگە مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلىدىغان خادىملىرىمىز بار. 9- ئايدا باج ئېلىش مەزگىلىدە ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىدا باج ئىشلىرىنى بېجىرىش نىسبىتى %95 تىن ئاشتى. 

  پەيزاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كارخانا، سانائەت رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بەزى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاكتىپلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇپلا قالماي، ئۆزى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئېڭىنىڭ بىر قەدەر ئاجىزلىقىنى بايقىدى. پەيزاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىشنى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، كارخانىلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، مەخسۇس ئىش ئورنىدىكى پىشقەدەم خادىملارنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەپسىلىي ياردەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، قەرەللىك پىكىرلىشىشكە تەشكىللەپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. پەيزاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەنشيا مۇنداق دېدى: بىز تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىرادە ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، بىر جۇپ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ داشۆ ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان نۇرغۇن كوممۇنىست ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار زاتلارنى ئۈلگە قىلىپ، مەكتەپنىڭ قىزىل مائارىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى. شىنجاڭ داشۆ پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات- كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ تارىخىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش ئېڭىنى كۈچەيتتۇق. 

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ داشۆ كۇتۇپخانىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولىۋاتقان كۇتۇپخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتا، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، يېقىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئورنى، مەدەنىيەت كارىدورى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي ئۆگىنىشتە ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

  شىنجاڭ سىفەن داشۆ جۇغراپىيە ئىلمى ۋە ساياھەت شۆيۈەنىدە، شۆيۈەن پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوتسېنت ۋاڭ يۇڭخۇي ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئىدىيەۋى- سىياسىي ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئىدىيەۋى- سىياسىي بىلەن كەسپ» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچكە ئىگە قىلدى. ۋاڭ يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش پىلانى تۈزگەندە بەزى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل تاللاپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك ئىدىيەۋى- سىياسىي ئۆگىنىش ۋە كەسپىي ئۆگىنىش داۋامىدا ئىدىيەۋى تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدۇق ھەم ئۇلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. 

  شىنجاڭ سىفەن داشۆ ئىدىيەۋى- سىياسىي ئۈگىنىشنى ئادەتتىكى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈش جەھەتتە يېتەكچىلىك كەمچىل بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، سۆھبەتلىشىش، تۈزىتىش لايىھەسىنى بىكىتىش، بارلىق دەرسلەردە ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى، خىزمەتلەرنىڭ يۈرىشىشى، باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ سىفەن داشۆ ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ ۋېنرۈي مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلاردىن پىكىر ئېلىپ، دەرسلىككە دائىر ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەكتەپ بويىچە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھىلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي جەھەتتىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ بېيىتتۇق.

 تەرجىمان: مەدىنە

相关阅读