2019- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى قەشقەر شەھىرىدە باشلاندى
【发布时间】2019-10-21  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  بەش كۈن داۋاملىشىدىغان 2019- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى 10 - ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە باشلاندى.

  10- ئايدا، قەشقەردە توغراقلىق بارا- بار سارغىيىپ، خۇددى سۈرەتتىكىدەكلا گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. 10- ئاي قەشقەردىكى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىل. بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمىدا قەشقەرنى ئايلىنىش ئېسىل ساياھەت پائالىيىتى، جۈملىدىن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، پوسكام، يوپۇغا، مەكىت، مارالبېشى ناھىيەلىرىنىڭ توغراق مەنزىرىسى ساياھىتى، «تاشقورغان- يەكەن قەدىمىي يولى» ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئېسىل لىنىيەنى ئوتتۇرىغا چىقاردى چىقىرىلدى. ساياھەتچىلەر 10- ئايدىكى قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئېكسپېدىتسىيە شادلىقىدىن بەھرىمان بولىدى. بۇنىڭدىن باشقا، توغراق بايرىمى مەزگىلىدە يەنە قەشقەر يىپەك يولى مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، قەشقەر ئۆرپ- ئادەت قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، قەشقەر ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەرگە بارالمايدىغان ساياھەتچىلەر ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا 12 ناھىيە (شەھەر) نىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىگە دائىر فوتو سۈرەت، رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي، جايلارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە تائاملىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ مېۋىلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن. كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئىچكىرىدىكى دوستلىرىمىزغا شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى تەشۋىق قىلىمەن، شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل جاي ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمىنىڭ بەش شۆبە يىغىن مەيدانى قەشقەر شەھىرى، پوسكام ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىدە تەسىس قىلىندى. مارالبېشى ناھىيەسى «قىزىل دېڭىز» مەنزىرە رايونى پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى لەنلەن مۇنداق دېدى: ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىللىرىنى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختۇتۇپ قويۇپ، مەنزىرە رايونى ئورۇنلاشتۇرغان كېچىك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ يادرولۇق مەنزىرە رايونى ۋېيتۇجۇغا بارسا بولىدۇ. ۋېيتۇجۇدا لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسى، گۈلخان مەيدانىدىكى مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساياھەتچىلەر يەنە ئىسسىق ھاۋا شارى، شۇڭغۇما پاراشوت قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ «قىزىل دېڭىز» مەنزىرە رايونىغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

 

 

 

相关阅读