ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش
【发布时间】2019-10-21  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

  2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى. مەركەزلىك سۆھبەتلىشىش، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈردى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلار ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فۇ لىن مۇنداق دېدى: بەنزە ئەزالىرى بىر قەدەر ئازلار مەركەزلىك، يېقىن ئەتراپتا ئۆگىنىشنى يولغا قويدۇق، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، ھەرىكىتى قولايسىز پارتىيە ئەزالىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى يېتەكچىلىك قىلغان ئورۇنغا ئەگىشىپ ئۆگىنىشنى يولغا قۇيۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ئوبلاست بويىچە 318 پارتكوم، پارتگۇرۇپپىدىكى 2 مىڭ 697 پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىگە قاتناشتى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قول سېلىپ، ئىشنى ئامما ئىنكاس قىلغان چوڭ- كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى، تەكشۈرۈش بىلەن ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قەلىبلەرگە سىڭدۈردى ھەم قەلىبلەرنى ئىللىتتى. فۇ لىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن 12 جەھەتتىكى تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن ئىككىگىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتىپ، «بىرىنچى قول ماتېرىيال» توپلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەھۋالنىڭ تېگىگە يېتىپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، زىددىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئوبلاست بويىچە 8 مىڭ 251 مەسىلە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، 7 مىڭ 591 مەسىلىگە رەتلەپ يىغىنچاقلاندى.

  يېقىندا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزا قورغان كەنتىدە پۇراقلىق موگۇ باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پۇراقلىق موگۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بارىن يېزىسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا يەرلىكنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى ئىدى. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان قورغان كەنتى 40 نامرات ئائىلىنى يېتەكلەپ، مۇشۇ پەسىلدىلا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ساپ كىرىمىنى 2 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزا قورغان كەنتىدىكى پاتىگۈل مەمەت شۇلارنىڭ بىرى. پاتىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: بىز پۇراقلىق موگۇ تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدۇق. ئىككى كۈندە 800 يۈەنلىك پۇراقلىق موگۇ ساتتىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈشكە قارىتا كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە ئىكەنلىكى؛ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا يېتىشىپ ماڭالمىغاچقا، كۆلىمى ئىزچىل كېڭەيمىگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، يەرلىك «كەنت ئاھالە كومىتېتى، كوپىراتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىرىنى ئاچتى. «كەنت ئىككى كومىتېتى» يۆلەنچۈك بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ناھىيە بويىچە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىسى 100 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ساپ كىرىم 4 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 260 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ئاساسىدا، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، كۆپ نۇقتىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يەنە بەش كەنتنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئائىلە كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز.

  ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، نۇرغۇن كونا مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆگزىنى سۇ ئۆتمەس قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ناھايىتى تېزلا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: ھازىر، ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىش باشلاندى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىمىز قۇرۇلۇش جەريانىنى نازارەت قىلىپ، بۇ خىزمەتنى پۇختا ئىشلەيمىز.

  بۈگۈنكى كۈندە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى 116 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئاتۇش شەھىرى سۈنتاغ يېزىسىنىڭ ۋاقۋاق كەنتىدىكى ئاھالىلەرمۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋالدى. باش تېما تەربىيەسىدە، ئامما ئىنكاس قىلغان ئاتۇش شەھىرىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان بوشلۇق ۋە كەمتۈكلۈككە قارىتا، ئاتۇش شەھىرى قۇرۇلۇپ بولغان ئوبلاستلىق «داۋالاش ۋە كۈتۈنۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ساغلاملىق- كۈتۈنۈش مەركىزىنى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى قىلىپ، دوختۇرخانا، مېيىپلار بىرلەشمىسى، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياشانغانلارنى بېقىش، كۈتۈش ۋە كۈتۈنۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن «داۋالاش ۋە كۈتۈنۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ساغلاملىق- كۈتۈنۈش مەركىزى قۇردى. تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەندىزىسى مۆلچەرلىنىشىچە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئاتۇش شەھىرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ جىفاڭ مۇنداق دېدى: ئاتۇش شەھىرىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بازىرىدىكى بوشلۇق ۋە كەمتۈكلۈكنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، ياشانغانلار نوپۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلارنى داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. 

 

相关阅读