ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى؛ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى
【发布时间】2020-01-27  作者:热依拉  来源:新疆广播电视台

ئاپتونوم رايون (1.26) چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. چاغاننىڭ تۇنجى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممىنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، بولۇپمۇ كېسەللەرنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق داھىيسىنىڭ خەلقنى سۆيۈشتەك ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببىتىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

 بىرىنچى، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، خەۋپ- خەتەر ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، تارقاقلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا كىرگەنلەرنى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىش، كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سورۇنلار، ھېم ئىتىلگەن قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سەھىيە بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۇمانىي كېسەللىك بىلەن يېقىن ئۇچراشقانلارنى تېببىي ئايرىپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ۋە يامىراپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 ئۈچىنچى، يەنىمۇ ئىلمىي قۇتقۇزۇش- داۋالاش كېرەك. كېسەللەر، مۇتەخەسسىسلەر، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش- داۋالاشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش- قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى تولۇقلاپ، داۋالاش- قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئېغىر كېسەللەرنى ئۇنىۋېرسال كۈچى كۈچلۈك نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ، مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، كېسەللەرنى داۋالاش- قۇتقۇزۇش خىراجىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كېسەللەرنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش- سەھىيە خادىملىرىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى قوغداش كېرەك.

 تۆتىنچى، كاپالەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ماددىي ئەشيا ۋە كۈچ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ماسكا، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، داۋالاش دورىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋە داۋالاش- سەھىيە خورىما ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە كۆپ خىل يوللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

 بەشىنچى، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئىلمىي، ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت- تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئالتىنچى، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش-- مەسئۇلىيەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ۋاقتىدا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسۇلىيەتنى تۇلۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جايلار، تارماقلار يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ، توسۇپ زەربە بېرىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئۈنۈملۈك ئايرىش، ئىلمىي قۇتقۇزۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

相关阅读