ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى
【发布时间】2020-01-27  作者:热依拉  来源:新疆广播电视台

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

 چاغاننىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لېي جيېنىڭ يان تېلېفونى توختىماي سايرىدى. قىسقىغىنە بىر سائەتتە، ئۇنىڭغا ئالتە، يەتتە قېتىمغا يېقىن بەخت تىلەش تېلېفونى كەلدى. لېي جيې مۇنداق دېدى: چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇرۇق- تۇققانلار بىر يەرگە جەم بولماي، ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ، بىر- بىرىمىزنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدۇق. بۇنىڭدا، چاغاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپلا قالماي، ئائىلىمىزدىكىلەر، ئۇرۇق- تۇغقانلار ۋە دوستلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرنى يوقلاش ئەسلىدە چاغاندىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەت ئىدى، ئەمما بۇ يىل يان تېلىفوندا ئۇچۇر يوللاش شەكلىدە چاغاننى تەبرىكلەش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كۆپ كىشى قوللاندى. سىنغا ئېلىش ۋە ئاۋاز يوللاش نۇرغۇن كىشىنىڭ چاغاننى تەبرىكلەشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ما جياۋ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە ئۇرۇق- تۇققانلار بىرگە چاڭغا تېيىلىپ بولۇپ، ئائىلە يىغىلىشى قىلماقچى بولغانىدۇق. ئەمما، بۇ قېتىم يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، ئائىلە يىغىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق. چاغاندا ئۆيدىكىلەرگە ياخشى ھەمراھ بولۇشمۇ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش. چاغان ھەر يىلى بولىدۇ، جەم بولۇش ۋە چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سالامەتلىكىمىزگە سەل قارىساق بولمايدۇ.   

 شىخەنزە شەھىرى ئاھالىسى چېن خۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم چاغاندا ئائىلە يىغىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمىزمۇ توغرا چۈشەندى. ئۆيدىكىلەر بىللە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى كۆردۇق ھەم جۇۋاۋا يېگەچ، ئۈندىداردا سىنلىق پاراڭلاشتۇق.

 ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك تەدبىرلەرگە پائال ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ما جى بۈگۈن (1.26) چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرغا دوست- بۇرادەرلىرىگە ئۈندىداردا ئەۋەتكەن توينى كېچىكتۈرۈلگەنلىك ئۈچۈرىنى كۆرسەتتى. ما جى تويىنى ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 30- كۈنى يەنى، چاغاننىڭ 6- كۈنى قىلماقچى بولغانىدى. ئەمما، كىشىلەر توپلىشىپ ئۆزئارا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر ئائىلە كىشىلىرى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، توينىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى. ما جى بۇ خەۋەرنى 400 دىن ئارتۇق ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست- بۇرادىرىگە كېچىلەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى. ما جى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقىش، يىغىلىپ تاماق يېيىشنى ئازايتىش ۋە ئادەم زىچ سورۇنلارغا بارغاندا، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى. شۇڭا، ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، توي ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. مېنىڭچە بۇ ئۆزىمىزگە، شۇنداقلا جەمئىيەتكە مەسئۇل بولغانلىق. توي قىلىش ئەسلىدىنلا ئىنتايىن بەختلىك ئىش. شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمنىڭ ساغلاملىقىمۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارمۇ بەس- بەستە مەركەزلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇردى. قاراماي «شىنشىڭ» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: ھەر يىلقى چاغاندا خىزمەتچىلەرنى جەم بولۇش تامىقى يېيىشكە تەشكىللەيتتۇق، ئەمما بۇ يىلقى ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەپلىك، جەم بولۇش تامىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياردەم پۇلىغا سۇندۇرۇپ كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماسكا سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشنى تاپىلىدۇق. نازارەتچىلەرنى ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە ئورۇنلاشتۇردۇق. 

 شىنجاڭ «شياڭشېڭ» بازىرى چاغان مەزگىلىدىكى 20 نەچچە مەيدان ئويۇننى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەم 2 مىڭغا يېقىن تاماشىبىننى بېلەت قايتۇرۇش ياكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. شىنجاڭ «شياڭشېڭ» بازىرىنىڭ باشلىقى مو شىڭۋېي مۇنداق دېدى: چاغاندا قويۇلىدىغان ئويۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق. چۈنكى، ئادەم قانچە زىچ بولسا، يۇقۇمنى كونترول قىلىشىمىزغا شۇنچە پايدىسىز. تاماشىبىنلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، بېلەت قايتۇرغىلى بولىدىغانلىرىنى قايتۇردۇق، بەزىلىرى بېلەت قايتۇرۇشنى خالىمىغاچقا، تىزىملاپ قويدۇق. ھازىر، كۆپچىلىكمۇ ياخشى ماسلىشىۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنى بالدۇرراق كونترول قىلىشىغا ماسلىشىپ، چاغاننى ئامان- ئېسەن ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

相关阅读