يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر
【发布时间】2020-01-27  作者:热依拉  来源:新疆广播电视台

 

بىرىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كېلىنكىلىق ئالامەتلىرى قايسىلار؟

ئاغرىقتا ئاساسلىقى قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش ئاساس قىلىنغان نەپەس يولى ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ ھەمدە نەپەس ئېلىشى تەدرىجى قىيىنلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىددىي خاراكتىرلىك نەپەس قىيىنلىشىش ئۇنۋېرسال ئالامەتلىرى، يىرىڭدىن زەھەرلىنىش سەۋەپلىك شۈك بولۇپ قېلىش، داۋالىماق بىر قەدەر تەس بولغان مىتابولىزىم خاراكتىرلىك كېسلاتالىق زەھەرلىنىش ۋە قاننىڭ ئۇيۇشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. قىسمەن ئاغرىقلاردا دەسلەپتە ئالامەتلەر يەڭگىل بولۇپ قىزىماسلىقىمۇ مۇمكىن. كۆپلىگەن ئاغرىقلاردا ئوتتۇرىھال، يېنىك دەرىجىدە ئالامەتلەر كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئالدىنى ئالغاندىن كىيىن ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، ئاز بىر قىسىم ئاغرىقلاردا ئېغىر ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىللىك كېلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلىشى يۇقۇملانغانلىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ قانداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك؟

قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرىلىشى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما، قولتۇق ئاستى تېمپراتۇرىسى 37.3 سىلتسىيە گرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇش، يۆتىلىش، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىش قاتارلىق جىددىي خاراكتىرلىك نەپەس يولى يۇقۇم ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ھەمدە ۋۇخەندە ساياھەت قىلىش ياكى ئولتۇراقلىشىش تارىخى بولسا ياكى ئاغرىشتىن 14 كۈن ئىلگىرى ۋۇخەندىن كەلگەن قىزىۋاتقان، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ئالامىتى بار كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن بولسا ۋە ياكى كىچىك دائىرىدە توپلىشىش خاراكتىرلىك كېسەللىك كۆرۈلگەن بولسا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، دوختۇرغانىدا تەكشۈرتكەندە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟

دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە كېسەللىك ئەھۋالى ۋە دوختۇرغا كۆرۈنۈش جەريانىنى تەپسىلىي، ئەينەن بايان قىلىش، بولۇپمۇ دوختۇرنى ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋۇخەنگە ساياھەتكە بېرىش ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخى، ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىرى ياكى گۇمانى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىرى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى قاتارلىقلاردىن خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە دېققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش جەريانىدا باشتىن ئاخىر ماسكا تاقاپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنى قوغداش لازىم.

تۆتىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىقلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقانلار نىمە ئۈچۈن 14 كۈن تىببى جەھەتتە كۆزىتىلىدۇ؟

نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىقلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقۇچىلارغا بىر قەدەر قاتتىق بولغان تىببىي كۆزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرىدىكى ئاممىۋى سەھىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ، ئاممىۋى ساغلاملاملىق بىخەتەرلىكىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇل. باشقا تاجىسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ۋە بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەمدە نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش ئەمەلىيىتى ئاساس قىلىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىقلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقۇچىلارنى 14 كۈن تىببىي كۆزىتىش ھەمدە ئائىلىدە تىببىي كۆزىتىش بەلگىلەنگەن.

بەشىنچى، ئامما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىدۇ؟

قول پاكىز بولۇش كېرەك. يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، ھەجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ھايۋاناتلارنىڭ گەندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇش ياكى ئىسپىرت تەركىپلىك يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۇيۇش كېرەك.

ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم. يېپىق ھالەتتىكى، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئادەم توپلاشقان جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، زۆرۈر بولغاندا ماسكا تاقاش؛ يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە قەغەزدە ياكى جەينەكنى ئىگىپ ئېغىز بۇرۇننى توسۇپ، چاچراندىلارنىڭ چاچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ياكى كېسەللەرگە ھەمراھ بولغاندا چوقۇم مۇۋاپىق ماسكا تاقاش كېرەك.

ياخشى بولغان يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى توغرايدىغان سەي تاختىسى ۋە پىچاقلارنى ئايرىۋېتىش، تاماق ئەتكەندە گۆش ۋە تۇخۇم تۈرىدىكىلەرنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان ئەھۋالدا ياۋايى ھايۋاناتلار ياكى ئۆيدە باققان ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

相关阅读