2020- يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى
【发布时间】2020-01-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى1-ئاينىڭ 27-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپ، يەسلىلەردە ئوقۇش باشلاش سەۋەبىدىن ئادەملەر يىغىلىپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زورايتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئاممىۋېي سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتى تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر، يەسلىلەرنىڭ 2020- يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى، كونكرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.  

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، مەكتەپ، يەسلىلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ھەر قانداق يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ. تۈرلۈك پۇقراۋى مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىمۇ مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

 

相关阅读