ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن يەرلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى مەملىكەتكە ئالاقىدار دورىلارنى ئىئانە قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇردى​
【发布时间】2020-01-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن يەرلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئالاقىدار دورىلارنى ئىئانە قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇردى.

  شىنجاڭ «يىندولەن» ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزدىكى يۇقۇم كۆرۈلگەن رايونلارغا 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى بىر مىڭ 300 خالتا مۇرەككەپ رېتسىپلىق يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى ئىئانە قىلدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن مۇنداق دېدى: يېقىندا بىز ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا كىلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئاساستا، بىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقۇم كۆرۈلگەن رايونلاردا ۋىرۇسلۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلىتىشىگە پائال ياردەم بېرىمىز، بۇ بىزنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىز.

   كەلپىن ناھىيە «شېڭچۈەن» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 500 يەشىك قۇيۇقلاندۇرۇلغان چامغۇر ئىچىملىكى ئىئانە قىلدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى شىياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەھسۇلاتىمىز نەپەس يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان يۆتەل، بەلغەم، جۈملىدىن ئۆپكىدىكى تالالىق ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا قوشۇمچە ياخشىلاش ئۈنۈمى بار. ئۆپكىسى يۇقۇملانغان كېسەللەرگە ئارزاق بولسىمۇ ياردەم بېرىشنى ئويلاشتۇق. كۆپچىلىك ئىتتىپاقلاشساقلا، چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىمىز.

   بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ «شىنچىكاڭ» ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ۋۇخەن شەھىرىگە 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى زۇكام جەۋھىرى ئىئانە قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلزات زادا مۇنداق دېدى: ھەر قايسى كارخانىلار ئىئانە قىلغان دورىلارنى بىز ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق شىتابىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز. ئۇلار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە شىنجاڭ دائىرىسىدە ئىشلىتىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تېزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، بۇ قېتىملىق تاجىسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۆرىشىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

 

相关阅读