شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەلدىن يەنە بىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى
【发布时间】2020-02-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى دىڭ شياۋدەن خەۋەر قىلىدۇ:

 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەلدىن يەنە بىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ كېسەل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 47 ياشلىق ئەر بولۇپ، 1- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كىرىپ ئايرىپ داۋالانغان، 1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان. بۇ كېسەل ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش- داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشى، باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنۇز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 5- نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» دىكى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەرنى ئايرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

 ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، جەمئىي 12 كېسەل ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. 

تەرجىمان: ئىلمىنۇر 

 

相关阅读