ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئاچتى
【发布时间】2020-02-23  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايون2-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان تىببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ھەرۋاقىت دېققەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتتى. ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 21- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئىلمىي يىتەكچىلىككە، تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار چوقۇم غەلبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق توغرىسىدىكى تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيوروسى يىغىنى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ توغرا تەھلىل قىلىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا چىڭ تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوش غەلىبىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىلچە بوشاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى توغرا ئىگىلەپ، شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى زىچلاشتۇرۇپ، دەل ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان خەتەر رايونلارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قاراتمىلىق يولغا قويۇپ، دەل جايىدا، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش- داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، كېسەلنى، مۇتەخەسىسلەرنى، بايلىقنى، قۇتقۇزۇش- داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرپ تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش- داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاپ ساقايىتىش نىسپىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مىخانىزىمنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقايغانلاردىن ھەر ۋاقىت ئەھۋال ئىگىلەش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تىببى خادىملارنى ئاسراش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش، مەنىۋىي رېغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ غەم ئەندىشىلىرىنى چىن دىلدىن، مېھىر مۇھەببەت بىلەن، كۈچەپ تۈگىتىپ، ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە داۋاملىق ساغلام ئاتلىنىدىغان قىلىش كېرەك. ماددى ئەشىيا كاپالىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قوغدىنىش ماددى ئەشىيالىرى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددى ئەشيالار، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىنات كاپالىتى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش 1- سېپىدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قەتئىي قاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئوموميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان- ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگەن دەل جايىدا ھۇجۇم قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئوموميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش تەرتىپىنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش تەرتىپى ئورنىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي- بىر تۇتاش پىلانلاپ، رېتىمنى- ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش؛ سىستېما خارەكتىرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تاشقى ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى يېتىشتۈرۈشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستېمالنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دېققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى، ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، باجنى كېمەيتىش- ھەقنى ئازايتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پەرىقلىق ئېتىبار بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشقا يېتەكلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىش؛ ئۇرۇقلۇق، خېمىيۋى ئوغۇت، يەم- خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، ئىجتىمائي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى- مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دېققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشكە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىقتىدار- سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات دىگەندە؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا؛ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشتە، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ بۇرچنى ئادا قىلىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاپ بېرىشى؛ ئىستىلىنى ھەقىقى ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ۋە توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «13- بەش» يىللىق يىرىك پىلاننى تاماملىشى كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: گۈلرۇخ قاسىم

相关阅读