ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى​
【发布时间】2020-03-29  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيرۇسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۈگىنىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق خىزمەتلىرى يەنىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيرۇسى يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۈگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلانغانلىقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئومومىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەنلىكىدەك ياخشى ھالەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئوموميۈزلۈك ئورۇنلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومومىيۈزلۈك غەلبە قىلىش، ئومومىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش، ئىجتىمائىي ئومومىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ نۇرماللىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىللىق ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئوموميۈزلۈك ئورۇنلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومومىيۈزلۈك غەلبە قىلىش، ئومومىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نەتىجە- ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋىپ- خەتەر مەنبەسى ۋە خەۋىپ- خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ باشقۇرۇپ- تىزگىنلەپ، چېگرادا كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرىدىن كىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ھالىتىنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پايدا يەتكۈزۈش كېرەك. مەركەز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان بىر قاتار ماكرولۇق سياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىپ ھەقنى ئازايتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار، جەمئىيەت، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم- ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ «قىيىن نۇقتىلار» نى ھەل قىلىش، «توسالغۇلار» نى راۋانلاشتۇرۇشىغا تېز ياردەم بېرىپ، ئادەم ۋە مال- مۈلۈكنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش- تەمىنلەش- سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ئىچكى- تاشقى سودىنىڭ ئۈنۈملۈك تۇتىشىشىنى  ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ، تەمىنلەش، ئوبورۇت زەنجىرلىرىدە ماس قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تولۇق يېتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس تەييارلاش» نى چۆرىدەپ، بوغما ھالەت، چەكلىمىلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلەردە ئىش باشلاش، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىشتۈرۈش- زورايتىش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىستېمالنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلەپ يېڭىچە تور ئىستېمالىنى زورايتىپ، بازار ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىستېمال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، بازارنىڭ ئاۋاتلىقى، ھاياتى كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، پەرۋىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، مۇھىم قۇشۇمچە يېمەكلىكلەر تەمىناتى ۋە باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئېتىز بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھۇشيار تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىمىلىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە ۋە چىدامچانلىقنى ساقلاپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جەڭگە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» كە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقى چىڭ تۇتۇپ، ئاخىرقى قىيىن ئۆتكەلدىن قەتئىي بۆسۈپ ئۆتۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەر ۋە مەخسۇس تۈر كۆزىتىش- قايتا قاراپ چىقىشتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى دائىملىق خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تۈزىتىشنى بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىيۈزلۈك، ئۈزۈل- كېسىل تۈزىتىش كېرەك. دائىملىق نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ساندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ساختا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەشكىلى كاپالەتنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چۇڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆلىنىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، بىرمۇ- بىر رەتلەپ باھالاشتا- كۈزىتىشتە بايقالغان ئورتاق مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ياخشىلاپ، بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىپ نامراتلىقتىن قۇۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: گۈلرۇخ 

相关阅读