ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
【发布时间】2020-03-30  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ▲ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايون يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان، مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» تا كۆرسىتىلگەن ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›گە ئالاقىدار ۋەزىپە تەقسىماتى لايىھەسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى لايىھەسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020- يىللىق نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەخسۇس باھالاش- تەكشۈرۈش خىزمىتى لايىھەسى» گە قاراپ چىقىلدى. 

 ▲ چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشان، ئۆلچەمدە، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تىكى قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ▲ بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھېسابات دەپتىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي، قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، كۆزىتىش- تۈزىتىشنىڭ كېيىنكى قىسمىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 ▲ ئىككىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان، مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» تا كۆرسىتىلگەن، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەسىلىنى تۈزىتىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈندىلىك خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

▲ ئۈچىنچى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىش كېرەك. تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۆڭلىگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممىگە ئېلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تۈزىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 ▲ تۆتىنچى، نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» نەتىجىلىرىدىن قەتئىي ياخشى پايدىلىنىپ، كۈندىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىقلاردا بايقالغان ئورتاق مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش، بىر- بىرلەپ رەتلەش، تۈرلەر بويىچە تۈزىتىش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ▲ بەشىنچى، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە؛ ۋىلايەت، ناھىيەلەر كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كادىرلار ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر كەنتتە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ھۆددىگە ئېلىش، ئالاقىلىشىشنىڭ بارلىق نامرات ئائىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ياردەم بېرىش بايلىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرگە يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىش كېرەك.

▲ ئالتىنچى، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.  «ئالتە دەل جايىدا بولۇش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىم، ئىزچىل بولۇشىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەتچان ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، كۈچلۈك- ئاجىز تۈرلەرنى تېزلىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ▲ يەتتىنچى، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە بىڭتۈەننىڭ شى  (شەھەر)، تۈەن (مەيدان) لىرىغىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەرگەز) گە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 تەرجىمان: ئامىنە 


相关阅读