دۆلىتىمىز بېيدوۋ يەر شارىۋى سىستېمىسى يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن تاماملىدى
【发布时间】2020-06-25  作者:xirenay  来源:新疆日报

بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنى «قايتا قوزغىتىپ» قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

دۆلىتىمىز بېيدوۋ يەر شارىۋى سىستېمىسى يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن تاماملىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىچاڭ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى گولى، جاڭ مىمى، خۇ جې) ئاسمان شاھمات تاختىسى، يۇلتۇز ئۇرۇق، جۇڭگو بېيدوۋسى ئالەم بوشلۇقىنى يورۇتتى. تېخنىكا سەۋەبىدىن بىر ھەپتە كېچىكىپ قويۇپ بېرىلگەن بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەر شارىۋى تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «قايتا قوزغىتىپ» قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى، دۆلىتىمىز بېيدوۋ يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى.

جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۈنئىي ھەمراھ بىر قاتار ئوربىتا سىنىقى ئارقىلىق تورغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز بېيدوۋ پۈتۈن سىستېمىسىنى بىرلەشمە تەڭشەپ، بىرلەشمە سىناق قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئابۇنىچىلارنى مۇكەممەل بولغان پۈتۈن ۋاقىتلىق، پۈتۈن ھاۋا رايىلىق، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يەرشارىۋى ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

شۇ كۈنى سائەت 9دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى شىچاڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىنى تۇمان قاپلىۋالغانىدى. 01 قوماندان يىن شياڭيۈەن ئوت يېقىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن كېيىن، سۈت رەڭلىك چاڭجېڭ راكېتاسى سۈنئىي ھەمراھنى كۆتۈرۈپ ئاستا - ئاستا بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى.

بۇ قېتىملىق قويۇپ بېرىش ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىككى قېتىملىق ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق بولمىغاچقا، قويۇپ بېرىش ۋاقتى 5 - ئايدىن 6 - ئايغا تەڭشەلدى؛ 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن مەھسۇلاتتا تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالغاچقا، قويۇپ بېرىش يەنە بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلدى.

بۇ، چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 336 - قېتىم ئۇچۇشى. بۈگۈنگە قەدەر دۆلىتىمىز جەمئىي 44 قېتىم بېيدوۋ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تەشكىللىدى، چاڭجېڭ 3 - نومۇرلۇق A يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى، 55 بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق ۋە بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگۈزدى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

سۈنئىي ھەمراھ تەخمىنەن 30 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. ئارقىدىن شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

1970 - يىلى تەشكىللەپ قۇرۇلغان شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ «بېيدوۋ پورتى» دېگەن نامى بار. سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇڭ چۇڭچىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى بۇ يەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ، جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى.

بېيدوۋ سىستېمىسى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا قۇرغان، مۇستەقىل ئايلىنىدىغان يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئۈچ خىل ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھتىن تۈزۈلگەن بىردىنبىر يول باشلاش سىستېمىسى، 2009 - يىلى بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق سىستېما قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، 2017 - يىلى 11 - ئايدا بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق تۇنجى گۇرۇپپا قوش سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالاھىدە مۇھىتىدا، بېيدوۋ قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تور تەشكىللەش ۋەزىپىسى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇش سېپىدە «قوش لىنىيەلىك جەڭ» قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، يەرشارىۋى يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تاماملاش ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىن يېرىم يىل ئالدىغا سۈرۈلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى بېيدوۋ سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

«جۇڭگو بېيدوۋسى پۈتۈن يەر شارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ.» جۇڭگو بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: 2035 - يىلى دۆلىتىمىز تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ۋاقىت بوشلۇقى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسى ۋە قەدىمىنى تېخىمۇ يىراققا يېتەكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

دۆلىتىمىز 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ «ئۈچ قەدەملىك مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى: 2000 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بېيدوۋ 1 - نومۇرلۇق سىستېمىنى قۇرۇپ، جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىش؛ 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېيدوۋ 2 - نومۇرلۇق سىستېمىنى قۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا مۇلازىمەت قىلىش؛ 2020 - يىلى بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق سىستېمىنى قۇرۇپ، مۇكەممەل يەرشارىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ھازىرلاشتىن ئىبارەت.