ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى​
【发布时间】2020-07-01  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياشانغانلار خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. «ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەتتىن بولغان ياشانغانلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيەت ئېغىر، ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولماقتا. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياشانغانلار خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكچى بولۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش، بولۇپمۇ ئائىلىدە ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ۋە يېزىلاردىكى ئۆيىدە يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «بەخت قورۇسى» قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشانغانلارنىڭ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياشانغانلار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلار كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنى ساغلام روھىي ھالەت ۋە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ساقلاشقا يېتەكلەپ، ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلار خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، خىزمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ياشانغانلارغا چېتىلىدىغان بايلىقىنى پائال قوزغاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى ياشانغانلار خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

相关阅读