ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:   

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7-ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21- قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆگىنىشى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21- قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قوللانما ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش؛ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋىي يېتەكلەش كۈچى، ئاممىۋىي تەشكىلىي كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ياخشى تاللاپ ئىشلىتىپ، تەلىم- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى غوللۇق قوشۇن ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش؛ تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي قائىدە- نىزاملار ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. 

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە يول باشلاش رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نىشان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈچ توپلاش، كۈچ ساقلاش، كۈچنى پىلانلاشقا ماھىر بولۇش، ھەم ئۆزگىرىشنى پەرق ئېتىش، ئۆزگىرىش ياساش، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشقا ماھىر بولۇپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، يېڭى شەيئىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز زورىيىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، تولۇق ئۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى «13- بەش يىللىق يىرىك پىلان» دىكى ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى قاراتمىلىق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئورۇنلاش كېرەك.  

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كەلكۈندىن، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، سۇ كەلگىچە توغان تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋارايى ۋە سۇ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دېققەت قىلىپ، سۇ ئامبارلىرى، يول، توغان، تاغ گەۋدىسى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق رايون ۋە ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا بايقاپ، تۈزىتىشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە تەييارلىقى بىلەن تاسادىبىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن ئەھۋالىنى كۈزىتىش ۋە ئىلمىي مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس تەييارلاشنى كۈچەيتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋاپكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، زەھەر چەكلەش فاڭجىنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشتا، نۇقتىلىق تۈزەشنى بوشاشماي قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان زەھەر چەكلەش خىزمەت ئەندىزىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، زەھەرنى تۈزەش سېستىمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى غەلبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان- ئۆلچىمىگە چىڭ باغلاپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان- ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاپ، دېققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. 

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. 

 شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.  

 تەرجىمان: گۈلرۇخ


相关阅读