چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:  

 ئاپتونوم رايون 7-ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. 

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

 يىغىندا سۇڭ يۈشيا، قۇربان نىياز، لى ۋېنمىڭ، داڭ فاڭ، لى فېڭ، ئايپەرى ئەسقەر، ئېرلىك زىيابان، ليۇ شياڭخۈي قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە يازما سۆز قىلىپ، پارتىيەگە بولغان چەكسىز ساداقىتى، خەلققە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى ۋە كەسىپكە بولغان توختاۋسىز ئىنتىلىشىنى ئوخشاشمىغان نۇقتىلاردىن ئىپادىلىدى. 

 چېن چۈەنگو ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ 99 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تارىخ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ بولمايدىغانلىقىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىسەكلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز. 

 چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىزنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ» نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيەتكە يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، تەشكىلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيە پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، كەنت دەرىجىلىك كادىرلارنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تىرىشىپ كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەخلاق- پەزىلىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلى، ساپا ئىقتىدارى ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئەقلىي تىرەكنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭدا ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، ئۇلۇغۋار پىلانىنى كەڭ كۆلەمدە نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈم قەپىزىنى ھەر تەرەپلىمە چىڭىتىپ، پارتىيەنى، ھوقۇقنى، خىزمەتچىلەرنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. 

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، بىڭتۈەننىڭ شى (شەھەر)، تۈەن (مەيدان) لىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

تەرجىمان: مىھرىئاي 


相关阅读