ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋرى:  

 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بەس- بەستە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.  

 «پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن». 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتىگەندىلا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا، مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. كۆپچىلىك قىپ- قىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتىدىن ئەسلەپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلىدى. توغراغاز يېزا توغراغاز كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى مەتتۇرسۇن قاسىم مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىز ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، ئەمىن ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز، داۋالانساق ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، بالىلار ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى. بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

 چۈشتىن بۇرۇن، بىڭتۈەن 8- شىسى شىخەنزە باش مەيدانى بېيچۈەن بازىرى «يىنچۈەن» مەھەللىسى، گۈللۈك مەھەللىسى، «ياڭگۇاڭ» مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى 100 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ، قىزىل تەربىيە بازىسى--- ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش 1- ليەنىگە بېرىپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پېشقەدەم ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىگە نەزەر سالدى. شىخەنزە باش مەيدانى بېيچۈەن بازىرى يىنچۈەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۈ جىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشنى ھەر بىر خىزمەتتە، ھەر بىر ۋەزىپىدە، ھەر بىر ئىش ئورنىدا نامايان قىلىمىز. ئەسلى مەقسەتنى ساقلاش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ماڭىمىز.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چاقىلىق ناھىيەلىك كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر قايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ۋە بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ناھىيەلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» ۋە «1- ئىيۇل» پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چاقىلىق ناھىيەلىك كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جىن يۈچى مۇنداق دېدى: قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىش، پايدا- زىيان بىلەن ھېسابلاشماسلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى ئىدىيەنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەش بىلەن بىللە، پارتىيەگە سادىق بولۇش تېمىسىدا پارتىيە دەرسى سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سەي شياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: بىر كومپارتىيە ئەزاسى، بىر مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، رېئال تۇرمۇشنى خام ماتېرىيال قىلىپ، تۇرمۇشقا يېقىن، ساقلاشقا، تارقىتىشقا بولىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى مەدھىيەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى قاندۇرىمەن. 

تەرجىمان: گۈلباھار ئابلىز


相关阅读