شالقارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى
【发布时间】2020-07-03  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 2014- يىلى كۈنەس ناھىيە كۈنەس بازىرى ئۇشبۇلاق كەنتى ئاھالىسى شالقار بازئالى ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى شالقار بازئالى مەدىكارلىق قىلىپ قامدايتتى. كۈنەس ناھىيە كۈنەس بازىرىدىكى كادىر چېن جۈنتاۋ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ بىر يىلدا شالقار بازئالىنىڭ ئائىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتتى. چېن جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆيگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە، بىر ئائىلىدىكى بەش جان 40 كۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيدە ئولتۇراتتى. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئىشەنچىم تۇغۇلدى.

 شۇ چاغدىن باشلاپ، چېن جۈنتاۋ ھەر ئايدا شالقار بازئالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا ئىش قىلىشىپ بېرىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. چېن جۈنتاۋ 2017- يىلى شالقار بازئالىگە ياردەملىشىپ نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن يەتتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 25 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئىلتىماس قىلىپ، ئۈچ كالا سېتىۋېلىپ، ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن شالقار بازئالى ئائىلىسى نامراتلىقتىن تېزلا قۇتۇلدى. چېن جۈنتاۋ كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، شالقار بازئالى ئائىلىسىنىڭ غېمىنى قىلىشنى ئۇنۇتمىدى.

 2018- يىلى 6- ئايدا، شالقار بازئالىنىڭ كىچىك قىزى كالا بېقىۋاتقاندا بەختكە قارشى يىلان چېقىۋېلىپ، داۋالىنىش مەزگىلىدە، ئائىلىسىدىكى بارلىق يىغقان پۇللىرىنى خەجلەپ بولغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك قىزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالمىدى، يەنە 90 مىڭ يۈەنگە يېقىن داۋالىنىش خىراجىتىگە قەرز بولۇپ قالدى. چېن جۈنتاۋ شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، دوختۇرخانا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ ۋە كېڭىشىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كۆپ تۈرلۈك داۋالاش قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش سىياسىتى بويىچە 90 مىڭ يۈەنگە يېقىن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇپ بەردى. كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن بۇ ئائىلىنى يەنە بىر قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، چېن جۈنتاۋ 2019- يىلى يېنىدىن 20 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، يەنە شەخسىي ئىناۋەت كارتىسىدىن 20 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇپ چىقىپ قىلىپ، شالقار بازئالىغا ئىككى نەسىللىك ئىنەك سېتىۋېلىپ، ئائىلە باقمىچىلىقىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، شالقار بازئالىنىڭ ئون ئېتى، ئون كالىسى، 18 قويى بار، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. شالقار بازئالى مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇ ئىنىم بار بولغاچقا، ھازىر تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى.

 چېن جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: 2014- يىلىدىن ھازىرغىچە، شالقار بازئالى ئاكام ھەر قانداق بايرامدا دائىم ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئايالىم ۋە بالامنى ئېلىپ ئۆيىگە بېرىشىمنى، ئەڭ ياخشى نازۇ- نېمەتلەر بىلەن مېنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ ئاكام بىلەن مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمەن.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ

相关阅读