ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلايلى
【发布时间】2020-07-03  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ▲ ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى جىن لېي، رېن چىچاۋ خەۋەر قىلىدۇ:

  2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى كۈرەش ئارزۇسى ئاخىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئەسلىي مەقسەت يۈكلەنگەن، ھاللىق سەۋىيە خەلققە مەنسۇپ. بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە ئوخشاش تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال- خۇرام ئىشلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلاندى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئىستانسىمىز «ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلايلى» مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشتەك دەۋر داستانىنى خاتىرىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىممەت قارىشى، سەمىمىي، چوڭقۇر خەلقچىللىق ھىسسىياتىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

  ▲ 7- ئايدا، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ باغچى كەنتىگە بارسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى مېۋىلىك باغقا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز. ئېتىز باشلىرىدا تۇتىشىپ كەتكەن ياڭاق، ئۆرۈك، نەشپۈت ۋە ئالما دەرەخلىرى بار. ئىگەرچى يېزىسى شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باغچى كەنتىدە ئىستىراھەت- ساياھەت يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.

  باغچى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگىلىك ئائىلىسى ئەركىن مامۇت بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 10 مو ئالمىلىق بېغىدا دېھقانلارغا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يازلىق پەرۋىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنت سەرخىل مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. كەلگۈسىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى سەھرا ساياھەتچىلىكىگە قاتنىشالايدۇ. ھازىر كەنتنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. بىز باغنى ياخشى پەرۋىش قىلساق، ساياھەتچىلەر كېلىپ چېچەك سەيلىسى قىلسا، مېۋىلەرنى ئۈزسە بولىدۇ. بىزمۇ مېۋە- چېۋىلەرنى ئېتىز بېشىدىلا ياخشى باھادا ساتالايمىز.

  باغچى كەنتى باغۋەنچىلىك بىلەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان شەھەر ئەتراپى كەنتى بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى ۋە ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا قوشنا. كەنتتە 2 مىڭ 600 مودىن ئارتۇق باغ بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئالمىسى يىراق- يېقىنغا داڭلىق. ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى، نۇرغۇن ساياھەتچى گۈل سەيلىسى قىلىپ، بېلىق تۇتۇپ، كۆكتات، مېۋە- چېۋە ئۈزۈپ، مەززىلىك سەھرا تائاملىرىنى يەيدۇ. شۇڭا، باغچى كەنتى شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. 2018- يىلى، كەنت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، نۆۋەتتە رەڭدار گۈلزارلىق، نېلۇپەر كۆلى، بېلىقچىلىق ئارامگاھى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت ئەسلىھەلىرى پىلانلىق قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

  يېزا ـ كەنتلەر گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىمۇ ئاشتى. كەنت ئاھالىسى مەۋلان مەمەت ئىلگىرى مېۋىلىك كۆچەت تىكەتتى. ئۇ نوقۇل مۇشۇنىڭغىلا تايىنىپ قالغاچقا، كىرىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باغنىڭ يېنىدا سەھرا ئارامگاھى ئېچىۋىدى سودىسى ناھايىتى قىززىپ كەتتى. ئۇ يەنە ئون دېھقاننى ياللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بۇ يول توپىلىق بولغاچقا، كېلىپ- كېتىش قولايسىز ئىدى. ھازىر يول ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسالدى، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بىر كۈندىلا 5، 6 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمىز.

  كەنت ئاھالىسى ئەمەر ئوسماننىڭ مۇسەللەس ئېچىتىش ھۈنىرى بولۇپ، كەنتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مۇسەللەس دۇكىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە نۇقتىسىغا ئايلاندى. مۇسەللەسنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ئىلگىرىكى يىلىغا 100 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇسەللەسىمىزنىڭ تەمى ياخشى، خېرىدارلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، مۇسەللەسنىڭ سېتىلىشى يىلسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن ياخشى، مېھمانلار كۆپەيسە، بىز ئۈچۈن پۇرسەت دېگەن شۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، باغچى كەنتى ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، سەھرا ئارامگاھى، مېۋە- چېۋە ئۈزۈش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان يېشىل تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. بۇلتۇر، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يېقىندا، كەنتتىكى ئاساسلىق بىر كوچا ئۆرپ- ئادەت كوچىسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. يول بويىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى قۇرۇلۇشى، ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تام يۈزىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزا باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى كەيفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كۆلەم ھاسىل قىلىپ، دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار جۈملىدىن مەدەنىيەت، يېمەك- ئىچمەك، سەھرا قونالغۇسى، يەنە سەھرا ئارامگاھى قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئىنتايىن كۆپ. كەلگۈسىدە، 3- كەسىپ مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساس قىلىپ، سېلىنما ئارقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، يېڭى تەرەققىيات كەسىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنتىمىزنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

 تەرجىمان: ئامىنە 

相关阅读