قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ئېنېرگىيە قوشتى
【发布时间】2020-07-03  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ئېنېرگىيە قوشتى.

 ھازىر دەل قىزىل ئۈزۈم دانىسىنىڭ يوغىناش مەزگىلى بولۇپ، سۇغۇرۇش- ئىنتايىن مۇھىم. قۇتۇبى ناھىيەسى «تاڭدۈن» ئۈزۈمچىلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ پېڭيۈن بىر مىڭ 500 مو يەردە ئالدى- كەينىگە يۈگۈرمەستىن، بەلكى يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشىنى تاماملىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇغىرىشتا قۇدۇق سۈيى بىلەن دەريا سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇغىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، پۈتۈن جەريان ئاپتوماتلاشقان، سۇغىرىش كلاپانىغا ئېلېكتىر ماگنىتلىق كلاپان ئورنىتىلغان، يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلسىلا بولىدۇ. ئادەم كۈچى بىلەن ئېتىزغا بېرىپ كلاپاننى ئېچىش، ئېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئوغۇتلاشمۇ ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسىدە يان تېلېفوندا ئاپتوماتىك ئوغۇتلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

 قۇتۇبى ناھىيەسى «تاڭدۈن» ئۈزۈمچىلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي كوپىراتىپى 2015- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، «شىركەت، كوپىراتىپ، دېھقان ئائىلىسى، بازار» بىرلەشتۈرلگەن يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. 2016- يىلى كوپىراتىپ يان تېلېفون APP مەخسۇس كونترول قىلىش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى بويىچە قۇدۇق، دەريا سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇغىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ھەر ۋاقىت تېلېفوندا كۈزەتكەن. جاۋ پېڭيۈن مۇنداق دېدى: ئۈستىدىكى بارلىق سۇ چىقىرىش قوزۇقلىرىدا كود بار، كود نومىرى بويىچە كۇنۇپكىنى باسسىلا بولىدۇ، يان تېلېفوندىمۇ ھەر ۋاقىت نازارەت قىلغىلى بولىدۇ. ھەر بىر سۇ چىقىرىش قوزۇقىنىڭ ئېچىلغان- ئېچىلمىغانلىقى يان تېلېفوندا كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ.

 ئاقىل يېزا ئىگىلىكى يەنە يەككە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى ئەمگەك كۈچىدىن ئازاد قىلدى. قۇتۇبى ناھىيە دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتى 6- تەۋەلىك رايونىدىكى 20 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش سۇغىرىپ، بىر تۇتاش ئوغۇتلاپ، بىر تۇتاش باشقۇرغان. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، دېھقانلار يان تېلېفوندىلا زىرائەتلەرنىڭ نەملىك ئەھۋالى، مايسا ئەھۋالى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى بىۋاستە مەنبەدىن تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ليەنفېڭ كەنتى 6- تەۋەلىك رايونىنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش مەسئۇلى خۇ ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر يىلدا 10 قېتىم سۇغۇراتتۇق، ھەر قېتىمدا 20 نەچچە ئادەم چىقىراتتۇق. بىر ئادەمنىڭ ئىش ھەققىنى يۈز نەچچە يۈەندىن ھىسابلىغاندا 20 نەچچە مىڭ يۈەن كېتەتتى. ھازىر يۇقىرى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق مەن ئۆزۈملا كونترول قىلالايمدىغان بولدۇم، دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن پۇلى تېجەپ قېلىندى. تېجەپ قېلىنغان ئادەم كۈچى يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.

 2014- يىلى 8- ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆ سىبىلەن قۇتۇبى ناھىيەسى بىرلىشىپ پىروفېسسورلار خىزمەت پونكىتى قۇردى. خىزمەت پونكىتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «سەككىز خىل ئاقىل ئۈسكۈنە» نى تەتقىق قىلىپ ياساپ، «بىر سۇپا، بەش چوڭ سىستېما» نى ئېچىپ، ناھىيە بويىچە ئاقىل سۇغىرىش سىستېمىسىنىڭ قاپلاش كۆلىمىنى 50 مىڭ مودىن ئاشۇردى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆ قۇتۇبى ناھىيە پىروفېسسورلار خىزمەت پونكىتىنىڭ تېخنىكا ئىنژېنېرى گاۋ ۋېيلۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېچىلغان بەش چوڭ سىستېما-- ئېتىزلاردىكى ئاقىل تېمىتىپ سۇغىرىشنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇش سىستېمىسى، قۇدۇق بىلەن توك ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىنى تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، يەر ئۈستى سۈيىنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئۆلچەپ باشقۇرۇش سېستىمىسى، يېزا ئىچىدىغان سۇنى باشقۇرۇش سېستىمىسىدىن ئىبارەت. بىز ئاساسلىقى نەرسە تورى تېخنىكىسى، بۇلۇت سۇپىسى بۇلۇت تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئىبارەت ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، سۇ مەنبەسىدىن سۇ يەتكۈزۈش جەريانىغىچە، ئېتىز باشلىرىغىچە بولغان سۇ ئىشلىتىش جەريانىنى كۆرگىلى بولىدىغان رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسىگە «مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، مەملىكەت بويىچە سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ناھىيەسى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە رايونى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» دېگەن ناملار بېرىلدى. گاۋ ۋېيلوڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، «ئالاقە تورى» نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىمىز. سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش جەھەتتە سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ياكى مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىپ، يېڭىچە تېخنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەن تەمىنلەيمىز.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ

相关阅读