سىچۈەن باجۇڭ شەھىرى تۇڭجياڭ ناھىيەسى بىشەن ئورمان باغچىسى: گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، تەبىئەتنى سۆيۈش
【发布时间】2020-08-28  作者:xirenay  来源:天山网

سىچۈەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھىرى تۇڭجياڭ ناھىيەسىدىكى بىشەن ئورمان باغچىسى ھەرىكەت قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش قاتارلىقلار يېتەكچى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئورمانلىق كەچۈرمىشى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان شەھەر ئورمان باغچىسىدۇر.

  تۇڭجياڭ بىشەن باغچىسى تۇڭجياڭ ناھىيە بازىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى بىلەن گاۋمىڭ يېڭى رايونىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %95 بولۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك ئوكسىگېنخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇ باغچىنىڭ بىرىنچى قارارلىق 3000 مودىن ئارتۇق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىر ئۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىكى «يېڭى سورۇنى» بولۇپ قالدى، سەيلە قىلغاچ سۈرەتكە چۈشۈش، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلار كۆڭۈللەرنى خوش قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇڭجياڭ ناھىيەسى شەھەر فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، شەھەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، باغچىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى تولۇپ تاشقان يېشىللىق تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى.

相关阅读