ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
【发布时间】2020-09-05  作者:xirenay  来源:新疆日报

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن مۇراسىمغا قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى رەتلىمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي) تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتەيلى، تىنچلىقنى قەدىرلەپ كەلگۈسىنى يارىتايلى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى بويىغا جايلاشقان ۋەنپىڭ شەھىرىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، «مۇستەقىللىق ئەركىنلىك ئوردېنى» ھەيكىلى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. خاتىرە سارىيى ئالدى ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى. دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ھەيۋەتلىك ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇراتتى.

سائەت 9دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بۇ جايغا كەلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى سۇپىدا سۈكۈتتە تۇردى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىگە تۆھپە قوشقان خەلقئارا دوستلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى خاتىرە سارىيىغا يۈزلىنىپ سۈكۈتتە تۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ئايرىم - ئايرىم تەقدىم قىلغان يەتتە گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلىپ، خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى سۇپىغا قويۇلغانىدى. گۈل سېۋىتىدىكى قىزىل لېنتىغا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قۇربانلار مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى.

سائەت دەل 10دا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى باشلاندى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرى ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە ئۈنلۈك ئېيتتى. «قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن، مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى...» جۇشقۇن مېلودىيە لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى بويىدا ياڭراپ، يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىنى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىردەك ئاتلانغان ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللارغا قايتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس، قەھرىمانلارچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىشتەك ئۇلۇغ روھىنى قايتا ئەسلەتتى.

دۆلەت شېئىرى ئېيتىپ بولۇندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تەزىيە بىلدۈرۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر ھېسسىياتلىق «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 14 ھۆرمەت قاراۋۇلى يەتتە گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇقەددىمە زالىغا كىرىپ، گۈل سېۋىتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان چوڭ تىپتىكى قاپارتما نەقىش «پولات ئىستىھكام»نىڭ ئالدىغا قويدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئاستا قەدەم بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىپ، خاتىرە سارىيىنىڭ مۇقەددىمە زالىغا كىرىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ زەن قويۇپ قارىدى. رەت - رەت ۋە ئېگىز تىزىلغان قىپقىزىل خۇاجۇ گۈلى، رەڭگارەڭ ئېچىلغان لەنخۇا گۈلى، پورەكلەپ ئېچىلغان بەيخې گۈلىگە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىش ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش مۇجەسسەملەنگەنىدى.

شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى.

ئارقىدىن، باشقا رەھبىرىي يولداشلار ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە خاتىرە سارىيىنىڭ مۇقەددىمە زالىغا كىرىپ گۈل تەقدىم قىلدى.

سەي چى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شياۋ جيې، ما بياۋ ھەمدە لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

相关阅读