ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى
【发布时间】2020-09-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى گاۋ مېڭخۈي، ليۇ چياڭ خەۋەر قىلىدۇ:

 بۇ يىل 9- ئاي مەملىكەت بويىچە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 ئونسۇ ناھىيەلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپىنىڭ خادىملىرى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى تۇمشۇق بازىرى چۇدا كەنتىدىكى دېھقان قۇربان مەمەتنىڭ كۆكتات پارنىكىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن 200 كىلوگىرام سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلارنى سېتىۋالدى. قۇربان مەمەت كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنت ئۇنىڭغا بۆلۈپ بەرگەن ئەگمە پارنىكتا سەۋزە ئۆستۈردى. ھوسۇل ئالىدىغان چاغدا ناھىيەلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سېتىۋالدى. قۇربان مەمەت مۇنداق دېدى: سەۋزىنىڭ كىلوگرامى 2 يۈەن، كوپىراتىپ مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق سەۋزە سېتىشىپ بەردى، يەنە 200 كىلوگىرام قالدى، ھۆكۈمەتمۇ سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدى.

 9- ئاي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى قاتارلىق 11 تارماق ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىش، بازار ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز ھەر قايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن، نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كۇرسى ئېچىپ، شاڭخەي ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى ۋە سودىگەرلەرنى تەشكىللەپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. شاڭخەي ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 25 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تۈرتكە بولدى، سېتىش سوممىسى 430 مىليون يۈەنگە يەتتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كادىرى چيەن ۋېنجيې مۇنداق دېدى: شاڭخەي شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مائارىپ سىستېمىسى، داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، شۇنداقلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنى ئوخشاش شەرتتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوۋغات بۇيۇملىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردۇق. يەنە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە تور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا، توردا بىۋاسىتە سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەش سۇبيېكتىنى تاللاپ، شاڭخەي بازىرىدا سېتىشقا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى بېكىتىپ، ماركىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن مەھسۇلاتلارنى شاڭخەي بازىرىغا ئالدىن كىرگۈزۈپ، ئىستېمال كۆلىمىنى كېڭەيتتۇق.

 ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلەش زەنجىرىنى «بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش»، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى «راۋانلاشتۇرۇش»، سېتىش سۇپىسىنى «تۇتاشتۇرۇش»، سېتىش ئۇسۇلىنى «يۈرۈشتۈرۈش» تىن ئىبارەت «تۆتنى راۋانلاشتۇرۇش» ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئورۇن، مەكتەپ، بازار، جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2 مىڭ 600 توننا غاز، توشقان گۆشى، 23 مىڭ 500 توننا چىلان، ياڭاق سېتىشىغا ياردەم بەردى. گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كادىرى ۋاڭ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى 16 شەھەر، 54 ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا تايىنىپ، توپ سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش دائىملىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئەنخۇي يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېتىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، توردا سېتىشنى كېڭەيتتۇق. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىمىز كېيىنكى قەدەمدە، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى «14- بەش يىللىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى، نۇقتىلىق ۋەزىپە سۈپىتىدە پىلانلاپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيمىز.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك كارخانىلارمۇ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشقا سىجىل كۈچىدى. شىنجاڭ «جۇڭتەي» (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش» تىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. ھەر قايسى كەسىپلەر رايونلىرى ئۆز ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى مېۋە- كۆكتات ۋە كالا- قوي گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پائال سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش سۇبيېكتلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلىگەن كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. «جۇڭتەي» گۇرۇھى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جەمئىي 606 توننا ئالما، 40 توننا ياڭاق، 45 مىڭ دانە چار توخۇ سېتىۋالدى. بۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 13 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يەتتى. شىنجاڭ «جۇڭتەي» (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ شياۋنەن مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز 50 مىڭ ئىشچى- خىزمەتچى بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا تەشكىللەپ، كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىۋېلىش، «ئىئانە قىلىشنىڭ ئورنىغا سېتىۋېلىش»، «سېتىۋېلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش» كە ئىلھاملاندۇردۇق. يەنە، تىزىملىك، زاكاز تالون شەكلىدىكى كۆپ خىل ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا بىلەن يېزا- كەنتلەر يۆلەش شەكلىدىكى زاكازلىق سېتىشنى يولغا قويدۇق.

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر

相关阅读