يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋېروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىرىنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش بىكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، نۇرغۇن كېسەلنىڭ پىسخىكىلىك بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى
【发布时间】2020-09-17  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋېروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىرىنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش بىكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، نۇرغۇن كېسەلنىڭ پىسخىكىلىك بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى. تېببىي خادىملار ئىلمىي داۋالىغاندىن سىرت، كېسەللەرنى پىسخىكىلىك يېتەكلىدى. سېستىرا لى يۈەنيۈەن مەلۇم بىر كېسەلگە ئالاھىدە بىر قاچا تۇخۇم بوتقىسى تەييارلاپ، ئۇنى ئىدىيىۋى يۈكتىن خالاس قىلدى.

 بۇ كېسەلنىڭ ئۆيىگە قايتقىنىغا 20 نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىدا داۋالانغان مەزگىلدىكى بىر قاچا تۇخۇم بوتقىسى ھېلىھەم ئۇنىڭ يادىدا ئىدى. ئۇ 8- ئاينىڭ بېشىدا دوختۇرخانىغا كىرگەندە، كېسىلى يېنىك دەرىجىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋېروسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ بۇنى ئۆزىگە بىسىم قىلىۋالدى. ئۇ: «شۇ ۋاقىتتا، ئۆزەمگە بەك ئېغىر بېسىم قىلىۋالغاچقا ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ قالدى» دېدى.

 لى يۈەنيۈەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، بۇ كېسەلنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى تاماق ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، پىسخىكىلىك بېسىمىنى يېنىكلەتتى. لى يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: مۇڭدىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا ئانىسى ئېتىپ بەرگەن تۇخۇم بوتقىسى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئانىسىدىن بۇنى قانداق پىشۇرىدىغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن، تېلېفون نومۇرىنى سوراپ، تېلېفون بەردىم.

 كېسەللەر رايونىنىڭ شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، لى يۈەنيۈەن دوختۇرخانا ئاشخانىسىدىن تۇخۇم، سۈت، پىياز ۋە جياڭيۇ ئېلىپ كېلىپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا، كېسەلنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تۇخۇم بوتقىسى پىشۇردى. لى يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: پىشۇرغان تۇخۇم بوتقىمىزنىڭ ئۇنىڭغا تېتىماي قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق. لېكىن، تۇخۇم بوتقىسىنى ئېلىپ كىرسەك، ئۇ قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ يېگەندىن كېيىن، <دەرۋەقە ئانام ئەتكەندەك بوپتۇ. بەك تەسىرلەندىم. سىلەرنىڭ ئادەتتە پاراڭلاشقان تەپسىلاتلارنى ئېسىڭلاردا تۇتىۋېلىشىڭلارنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، سىلەرگە كۆپ رەھمەت> دېدى.

 بىر قاچا تۇخۇم بوتقىسى كېسەلنىڭ پىسخىكىلىك يۈكىنى يېنىكلىتىپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. لى يۈەنيۈەن كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يەنە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە پەللىلەرنى بېسىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كېسەلنىڭ ئەھۋالى كونترول قىلىنىپ، بىر داۋالاش باسقۇچىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ كېسەل: «ئۇلار سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان جەڭچىلەر، ئۇلار بەك جاپا تارتتى، ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

 تەرجىمان: ئامىنە

相关阅读