​«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياشانغانلار تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قوللانمىسى» يېقىندا ئېلان قىلىندى
【发布时间】2020-11-18  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياشانغانلار تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قوللانمىسى» يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، ياشانغانلارنىڭ تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە ھەرىكەت رېتسېپى چىقىرىپ بېرىلدى.

 «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياشانغانلار تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قوللانمىسى» دا، ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، چېنىقىش تۈرلىرى ۋە ھەرىكەت سىجىللىقى قاتارلىق جەھەتلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. «قوللانما» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش-- ياشانغانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى جىددىي ئارزۇسى ۋە ئاڭلىق تەلىپىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جەي خۇڭفېي مۇنداق دېدى: «قوللانما» دا، ياشانغانلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان تۈرلەر كۆرسىتىلدى. بۇلار ئىچىدە، پىيادە مېڭىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش يەل گۇمپىسى، شاھمات، مەيدان ئۇسسۇلى، تەيجى گۇمپىسى، ساغلاملىق گىمناستىكىسى، ئەۋرىشىم توپ قاتارلىقلار بار. ھەر بىر تۈر بويىچە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى كونكرېت چۈشەندۈرۈلدى. بۇ، ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، ۋاقتى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ تۈرلەر ئاساسلىقى يۈرەك، ئۆپكىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممۇنىتېت سەۋىيەسىنى كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان. 

 ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياشانغانلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %20 نى ئىگىلەپ، ئاكتىپلىقى يۇقىرى، تەنھەرىكەت تۈرلىرى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەنگەن. شۇنىڭدەك، ياشانغانلاردا ھەرىكەت ئۇسۇلى ئىلمىي بولماسلىق، ئاسانلا بەدەن زەخىملىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت ئىكەن. جەي خۇڭفېي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قوللانما» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىمىز كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنى ئىلمىي، ساغلام تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز. كىيىنكى قەدەمدە، داۋاملىق ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار تەنتەربىيەسى جەمئىيىتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ئارقىلىق «قوللانما» نى ئومۇملاشتۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مەيدان، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. 

相关阅读