ئاپتونوم رايون تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى
【发布时间】2020-11-18  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايون تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نىشاننى كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ پۇختا ئاساس سېلىش؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىسلاھاتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، يىرىك پىلاننى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش كۈچى ۋە ئەمەلىيلىشىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 تيەن ۋېن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكىلەر ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، بارلىق خادىملار قاتنىشىش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چوڭقۇر، تولۇق ئۆگىنىپ، مېڭىسىگە، قەلبىگە سىڭدۈرۈشى؛ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. 


相关阅读