چېن چۈەنگو دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
【发布时间】2020-11-18  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بۈگۈن (11.17) چۈشتىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپ ئالدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

 سۆھبەت يىغىنىدا، ئەسقەت كەرىمباي، چېن دېمىن، جاڭ گولياڭ، رىزۋان ئەبەي، لۈ گاڭ، يەن فېنشىن، لى شياڭلىن، گو يۇڭخۇي، مەمەتجان ئەمەت قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار سۆز قىلىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىققا ئىگە پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بىردەك «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2-، 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويۇشقا پۇختا ئاساس سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

 چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلى، ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قاراپ قەدەم تاشلايدىغان ھالقىلىق بەش يىل. «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى توغرا ئىگىلەپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن ئەلدىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەردە «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانغا ئەقىل- چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە ھەقىقىي سىڭدۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، خەلقنى مەركەز قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ئوتتۇرىغا قويغان قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

相关阅读