ئۇزۇن تالالىق پاختا يېڭى سورتى يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تېرىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى
【发布时间】2020-11-23  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۆت يىلدا يېتىشتۈرگەن ماشىنا بىلەن يىغىلىدىغان يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئۇزۇن تالالىق پاختا يېڭى سورتى يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تېرىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

  ئاقسۇ «جىنشياڭ» دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 150 مو يېرىگە تۇنجى تۈركۈمدە سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلگەن ماشىنا بىلەن يىغىلىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختا يېڭى سورتى كېۋەزلىكىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى نەق مەيداندا ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆلچەپ كۆرسىتىشىچە، بۇ سورتتىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 522.87 كىلوگرامغا يېتىشى دەلىللەندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى تېخنىكا ئومۇملاشتۈرۈش پونكىتىنىڭ باشلىقى دەي لۇ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەمەلىي ئۆلچىشى ئارقىلىق، بۇ يەردىكى ئۇزۇن تالالىق پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 522 كىلوگرامغا يېتىشىنى دەلىللىدۇق. ئادەتتىكى ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 310 نەچچە كىلوگرام بولاتتى. بۇ يەردە، مو بېشى مەھسۇلاتى 200 كىلوگرامغا يېقىن ئاشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل 550 مىڭ مو يەردەە ئۇزۇن تالالىق كېۋەز سورتى ئۆستۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، ئۇزۇن تالالىق پاختا يەنىلا ئادەم كۈچى ئارقىلىق يىغىلىدىغان بولغاچقا، كېۋەز تېرىلغۇ تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇزۇن تالالىق پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالىتىگە قارىتا، دۆلەتنىڭ «غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا ماشىنا بىلەن يىغىلىدىغان سۈپەتلىك پاختا يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش» تۈرىگە تايىنىپ، ماشىنا بىلەن يىغىلىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختا يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، يۈرۈشلەشكەن ماشىنا ئارقىلىق يىغىش تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈي جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن تالالىق پاختا يېڭى سورتى، پاختىكارلارنىڭ پاختا يىغىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپلا قالماي، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھازىر، ئادەم كۈچى ئارقىلىق بىر كىلوگىرام پاختىنى يىغىشقا 3 يۈەن سەرپ قىلىنسا، ماشىنىدا بىر مو يەردىكى پاختىنى يىغىشقا 160 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە سەرپ قىلىنىدۇ. بۇنى كىلوگىرامغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بىر كىلوگرام پاختىنى يىغىش ھەققى 3 مودىن 5 موغىچە بولىدۇ. شۇنىڭدا، پاختا يىغىش ھەققىدىنلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 400 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر، ئۇزۇن تالالىق پاختا سورتى ماشىنىدا يىغىلغاچقا، قولدا يىغىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان غەيرىي تالالارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئىشقا ئاشتى. بۇنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدە، ئارىلاشمىلار يوق سۈپەتلىك پاختىلاردىن يۇقىرى تېخنىكىلىق توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ.

相关阅读