قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن- چىققان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4 مىڭدىن ئاشتى
【发布时间】2020-11-23  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 بۇ يىل ھازىرغىچە، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن- چىققان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي ساندىن %17.8 كۆپ بولدى. 

 قازاقىستاننىڭ ئاتىنكول ۋوگزالىدىن يولغا چىققان 3308- قېتىملىق پويىز مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى ئەتىگەندە، جۇڭگو قورغاس تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزى ۋوگزالىغا كىردى. بۇ-- بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرىپ- چىققان 4001- جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى. بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىز پولشانىڭ لودزكى ۋوگزالىدىن يولغا چىققان بولۇپ، 41 كونتىينېر بېسىلدى. پويىزغا قاچىلانغان ماللار-- ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، دورا، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ياۋروپا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن- چىققان نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا ئاشتى. بۇ يىل ھازىرغىچە، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي سان 3 مىڭ 403 تىن %17.8 كۆپ بولدى. قورغاس «شىنچياۋ» خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جۇ شۇمېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش سىياسىتى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنىڭ پايدىسىدا، شىركىتىمىزنىڭ ۋاكالىتەن مال توشۇش كەسپى پايدىسىز شارائىتتىمۇ ئاشتى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى خېرىدارلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 6 نى ۋاكالىتەن بېجىردۇق، نۆۋەتچى پويىز 600 قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى، توشۇلغان مال 650 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى. كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كەسىپ مىقدارىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، خادىم قوبۇل قىلىشنى چىڭ تۇتتۇق. 

 بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ خەلقارا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. قورغاس تاموژنىسى-- نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا توختاپ قالماسلىقى، ساقلاپ تۇرماسلىقى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىچكى رايونلاردىكى تاموژنا، چېگرا ئېغىزى بىرلەشمە تەكشۈرۈش تارماقلىرى شۇنىڭدەك تىرانسپورتنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى جانلىق ئىگىلەپ، يولغا سېلىش، يەتكۈزۈش ۋە چېگرىدىن كىرىپ- چىقىش ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ۋاقتىدا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يەنە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تىرانسپورت قوراللىرى سىستېمىسى ۋە يېڭى تالون سىستېمىسىغا تايىنىپ، تاموژنا ۋە تۆمۈريول سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى %60 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، بارلىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى تەخمىنەن 3 يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكە قىسقارتتى. قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش 3- بۆلۈمىنىڭ 4- دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچىسى يۈ ۋېنجىڭ مۇنداق دېدى: تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى خىزمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئورۇنلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاموژنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ئىش ئورنى ئايرىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەسلىدىكى ئۈچ بۆلۈمدىكى ئون نەچچە ئىش ئورنىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆتكۈزۈش، تالون، تىزىملاپ تەكشۈرۈش، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ئىش ئورنى قاتارلىق بەش ئىش ئورنىغا يىغىنچاقلاپ، ئادەم كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇقىم يۈرۈشىگە كۈچ قوشتۇق. 

相关阅读