پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېچىۋېتىلگەن ئېگىزلىك بەرپا قىلىش
【发布时间】2021-01-11  作者:祖力甫卡尔  来源:تىيانشان تورى

 2020-يىلى، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناش سانىدا قوش يېڭى رېكورت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى ۋە ئورنىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىن 23ى (بىڭتۇەندىكى تۆت باغچە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دۆلەت ئېچىۋېتىشنى تەستىقلىغان 1-دەرىجىلىك پورتتىن 19ى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۇتىشىدىغان 1500 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچگە ئىگە، ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن رايونغا ئايلاندى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا نەزەر سالساق، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرتەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈردى.

 

 

   2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11دە، ئائىلە ئاپتوموبىلى ۋە زاپچاسلىرى بېسىلغان بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، 15 كۈندىن كېيىن پولشاغا يېتىپ بارىدۇ. 2020-يىلى، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قاتناش سانى 5000 قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشتى.

 چېن چيەن فوتوسى

 

 

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلار چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شوپۇرسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ماتېرىياللارنى يۆتكەپ توشۇماقتا (2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).

  مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى

 

 

  شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا نۆۋەتتە سودا، ئەشيا ئوبوروتى، چگېرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى 553 كارخانا ماكانلاشتى. سۈرەتتە: خېرىدارلار ئالاتاۋ شەھىرىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان باغچىدا مال سېتىۋالماقتا (2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

  مۇخبىر سەي زېڭلې

 

 

  ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق بىر تۈركۈم فۇنكسىيەلىك تۈرلەر قۇرۇپ چىقىلدى. سۈرەتتە ئىشچى ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەركىزىدە كونتېينېرنى يۆتكىمەكتە (2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).

  مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى

 

 

  2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى قازاقىستان ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن بىر نۆۋەتچى پويىزىنى كارانتىن تەكشۈرمەكتە. ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى «24 × 7» سائەت ئۈزۈلدۈرمەي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، «يېشىل يول» قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  خې يى فوتوسى

 

 

  ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن چېگرا شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ «ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭە»سىگە ئايلاندى. چوڭ سانلىق مەلۇماتلار بايلىقىنى بۇ مەركەزدە ساقلاش، تەھلىل قىلىش، ھېسابلاش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. سۈرەتتە: تېخنىك خادىملار ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىنىڭ كومپيۇتېر ئۆيىدە ئۈسكۈنىلەرنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە (2010-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان).

  مۇخبىر جېن شىشىن فوتوسى

 

 

  2020-يىلى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناش سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ دېڭىزدا توشۇش، ھاۋادا توشۇشنى تولۇقلاش، ئورنىنى ئېلىشى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. نۆۋەتتە، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ لىنىيەسى 21دىن ئېشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەمىنلەش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى. سۈرەتتە: قورغاس تۆمۈريول قاچىلاش پونكىتىدىن بىر كۆرۈنۈش (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

  گو جيې فوتوسى