ئوتلاقتىكى «ئالتۇن تاغ» ناھايىتى گۈزەل
【发布时间】2021-01-14  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋچيەن خەۋىرى، فوتوسى) 2021-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر، قاردىن كېيىن، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نەنسەن تېغىنىڭ ئۈستى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، «ئالتۇن تاغ»قا ئايلىنىپ، ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىردى. قىشتا، كۈنەس ناھىيەسى نەنسەن ئوتلىقى ئاپپاق قارغا پۈركىنىدۇ، ئەتىگەن-كەچتە قۇياش نۇرىغا چۆمۈپ، قارلىق تاغ «ئالتۇن تاغ»قا ئايلىنىپ، بەھەيۋەت تۈسكە كىرىدۇ.