ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ئورۇنلاردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
【发布时间】2021-03-01  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ئورۇنلاردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

 ئەتىيازلىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر پارتىيە تارىخىنى مەكتەپ، سىنىپ، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش، پارتىيە تارىخى لېكسىيەسى سۆزلەش، قىزىل تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى ئىنقىلابنىڭ يىڭى ئوتىنى داۋاملاشتۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى. ماناس ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سانا جېڭىس مۇنداق دېدى: مۇئەللىمنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن. تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگىنىپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىدىن بولىمىز.

 قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي قاتلام، ئورگان، يېزا، مەكتەپ ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە تەشكىللىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىلمىي بۆلۈمنىڭ باشلىقى يىن خۇڭخۈي مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخى تەربىيەسى دەرسىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، پارتىيە تارىخى دەرسى ئوقۇتۇشىنىڭ سىستېمىلىق بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارىخىي تېمىلارنى تولۇق قېزىپ، پارتىيە تارىخى تەربىيە بايلىقىنى بېيىتىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىدىكى جانلىق ھېكايىلەرنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزىمىز.

 قومۇل شەھىرى ئاراتۆۋرۈك ناھىيەسى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزىمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەم ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىق- تەربىيەنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. 40 كۈنلۈك ئاراتۆۋرۈكنى قوغداش ئۇرۇشى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى كۈندىلىك چۈشەندۈرۈشكە سىڭدۈردى. ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى لى خۈيچىن مۇنداق دېدى: چوقۇم ئىنقىلابىي تارىخىي ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، خاتىرە سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى ئېكىسكۇرىسىيەچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى يەتكۈزۈپ، تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تارىخنى قەلبلەرگە سىڭدۈرىمىز.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

相关阅读