ئاپتونوم رايون ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى
【发布时间】2021-03-04  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

▲ ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايون يېقىندا، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش ئورمان باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش ئورمان باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ باش ئورمان باشلىقى بۇيرۇقىنى ئوقۇدى.

▲ چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش-- يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى يەنىمۇ بىر تۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزۈمىدىكى مۇھىم، زور ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىمىزغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئورمان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

▲ چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولىدىغان، تەۋەلىك بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، مەنبەدىن تۈزەيدىغان، پۈتۈن رايوننى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ، خوشال- خورام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

▲ بىرىنچى، «قۇرۇش» قا كۈچەپ، ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باشقۇرۇش، قوغداش كۈچىنى تولۇقلاپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، يېشىل تاغ- دەريالارنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك.

▲ ئىككىنچى، «قوغداش» قا كۈچەپ، ئورمان ۋە ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن جەريان، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ساھە بويىچە قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەر بىر سۇڭ يېشىللىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

▲ ئۈچىنچىدىن، «بەرپا قىلىش» قا كۈچەپ، ئورمان بىلەن قاپلاش نىسبىتى ۋە ئوتلاق ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلاش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «يېشىللىق كۆلىمىنى ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىپ كۆكەرتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل يېزا- كەنتلەرنى داۋاملىق كۆكەرتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، چۆل، قاقاس تاغلارنى داۋاملىق كۆكەرتىپ، كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

▲ تۆتىنچىدىن، «ئىشلىتىش» كە كۈچەپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئورمانچىلىقتىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورمانچىلىق، ئوت- چۆپ كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى باغۋەنچىلىك كەسپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمان ۋە ئوت- چۆپ كەسپىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون پېرېۋوت سودا بازىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى ھەقىقىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئورمانچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

▲ چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيەگە، تارىخقا، خەلققە، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ باھالاشنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئىستېرېئولۇق باشقۇرۇش- قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، يول شەكىللىرىنى بېيىتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قويۇق كەيپىياتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

▲ شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۈلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى كەسكىن مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي پۇختا ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۇيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەخسۇس خادىملار ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامىنە

相关阅读