ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىن ئاچتى
【发布时间】2021-03-04  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2021- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت لايىھەسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراش، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە مىخ قېقىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئىسلاھات چارىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا ياخشى باشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى «14- بەشيىللىق» يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق دائىرە بويىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ۋەزىپە تەقسىماتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى؛ جايلار ۋە تارماقلار ئىسلاھاتتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرشى ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار ئىسلاھاتنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇشى؛ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىشى؛ ھەر قايسى مەخسۇس گۇرۇپپىلار ئۆز ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇشى؛ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەقىقىي ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

 

相关阅读