ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
【发布时间】2021-03-04  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 خوتەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، قىزىل ناخشا ئېيتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى. خوتەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى گۈلجامال ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇ خىل مول مەزمۇنلۇق ئۆگىنىش شەكىللىرى ئارقىلىق پارتىيە تارىخى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېنلىرىغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشتى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەم ۋە ئىشەنچىم تېخىمۇ چىڭىدى.

 خوتەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، قىزىل فىلىم كۆرۈش، قىزىل ناخشا ئېيتىش، ھىس قىلىش شەكلىدىكى پارتىيە دەرسى ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى خوتەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى.

 ئاقسۇ شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 122 كەنتكە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش يېتەكچىسى ئەۋەتتى. بىر يېتەكچىنىڭ كەنتتىكى 30 پارتىيە ئەزاسىغا يېتەكچىلىك قىلىش نىسبىتى بويىچە، 200 دىن ئارتۇق پارتىيە تارىخى يېتەكچىسىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان، سۆزلەيدىغان، تەربىيەلەيدىغان ئادەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزا باغۋەن كەنتىدىكى پارتىيە ئەزاسى ھەسەن ئەلا مۇنداق دېدى: يېتەكچى ئوقۇتقۇچى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا دەرس ئۆتۈپ، پارتىيە تارىخىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى. پارتىيەنىڭ نۇرغۇن جاپالىق مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم، ئۇلارنىڭ روھى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

 يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى «ئۆسمۈرلەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، دەۋر ئىزباسارلىرىدىن بولۇش پائالىيىتى» نى يولغا قويۇپ، پارتىيە تارىخى مىكرو دەرسخانىسىنى مەكتەپ پائالىيەت مەركىزىگە كۆچۈرۈپ، پارتىيە تارىخى تەسۋىر كارىدورى بەرپا قىلىپ، مول سىن ماتېرىياللىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە تارىخىنى چۈشەندۈردى؛ يەنە، تور ۋە ئەمەلىيەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش، ئائىلە، مەكتەپ تەڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئاقتۇ ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز. پىئونىرلار رادىئو ئۇزېلىدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىكتە قىزىل ھېكايە سۆزلەش، بىرلىكتە دىراما ئويناش، قىزىل كىنو كۆرۈشكە يېتەكلەيمىز؛ يەنە، «مەملىكەت بويىچە ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئورتاق تەربىيەلەش» رەقەملەشتۈرۈش سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەكتەپتىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسىنى تەكلىپ قىلىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ سىنغا ئېلىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە تارىخىي ھېكايىلىرىنى جانلىق، ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت ھىسسىياتىنى يىلتىز تارتقۇزىمىز.

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر