قاراماي شەھىرى مەھەللىلەردىكى «قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسى» غا تايىنىپ، پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەريانىدا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى
【发布时间】2021-03-21  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى قىزىلبايراق دېموكراتىيە مەھەللىسى «قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسى» غا تايىنىپ پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەريانىدا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. 

 قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى، تەۋەلىك رايونىدىكى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى «قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسى» غا بېرىپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. 30 نەچچە پارتىيە ئەزاسى نەق مەيداندا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، سارايدا ساقلانغان قىزىل بۇيۇملارنى كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. قاراماي شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى زېڭ يەن مۇنداق دېدى: قىزىل ئەسلىمىلەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخى، قىزىل كېمە روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز.

 «قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسى» قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى قىزىلبايراق دېموكراتىيە مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 430 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مەھەللە 2018- يىلى 5- ئايدا، ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىنى ھازىرقى كۆرگەزمىخانىغا ئۆزگەرتىپ جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋەتكەن. سارايدىكى بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسىمىنى قىزىل بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئىئانە قىلغان. نۆۋەتتە، «قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسى» دا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان قىزىل بۇيۇم 8 مىڭدىن ئاشتى. بۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن ھازىرغىچە بولغان ئىزناك، رەسىملىك ژۇرنال، ھەيكەل، كىتاب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. كۆرگەزمىخانا، دۆلەت قۇرۇشقا قاتناشقان تۆھپىكار شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇش، داھىي سالاپىتى، شانلىق ھايات، داھىي ھەر مىللەت خەلق بىلەن قەلبداش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشتىن ئىبارەت 5 كۆرگەزمە رايونى بويىچە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى مەدھىيەلىدى. ھازىرغا قەدەر، قاراماي شەھىرىدىكى 700 نەچچە كارخانا، كەسپىي ئورۇن «قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسى» دا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كۆرگەزمىخانا ئېچىلغاندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. قاراماي شەھىرى ئاھالىسى سۈن چىجيۇ مۇنداق دېدى: قىزىل تەربىيە گېنىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلغاندىلا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» قا كاپالەتلىك قىلغىلى، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ باي، قۇدرەتلىك، گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىم.

 قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى قىزىل بايراق دېموكراتىيە مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تيې يەن، مەھەللىنىڭ كۆرگەزمىخانا قۇرۇشنى قوللاشتىكى مەقسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: قىزىل ئەسلىمە كۆرگەزمىخانىسىغا تايىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمىز ۋە تەربىيەلەيمىز.

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر

相关阅读