ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج، بانكا قاتارلىق تارماقلار «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» نى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى
【发布时间】2021-03-21  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى لو يۈەنمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەرەققىيات-- شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى» دەپ كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرى بانكا- سۇغۇرتا نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋە بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» نى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. 

 شىنجاڭ «گاڭجىشىڭ» پولات قۇرۇلما چەكلىك شىركىتىدە ئىشچىلار يېقىنقى مەزگىلدە، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بەش خىل مېتال پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى دەي ۋېنيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كارخانىمىزنىڭ باج تاپشۇرۇشتىكى B دەرىجىلىك ئىناۋىتىگە تايىنىپ، «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» سۇپىسىدا جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى فۇكاڭ تارماق بانكىسىغا 2 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەتلىك قەرز ئىلتىماسى قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. شۇ كۈنى ئىلتىماس قىلىۋىدۇق، پۇل شۇ كۈنى ھېساباتقا كىرىپ، كارخانىمىز دۇچ كەلگەن مەبلەغ قىيىنچىلىقى ھەل بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، پائال تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپداشلارنى قانۇن بويىچە سەمىمىي باج تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلىمەن. 

 جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى فۇكاڭ تارماق بانكىسى تېخىمۇ كۆپ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باج قەرزىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلاردا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىش شەرتىنى تۆۋەنلەتتى. 2020- يىلى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن 32 كارخانىغا 76 مىليون يۈەنلىك قەرز بېجىرىپ بەردى. جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى فۇكاڭ تارماق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ يۆشىڭ مۇنداق دېدى: باج قەرزى بويىچە ساپ ئىناۋەتلىك مەھسۇلاتنى يولغا قويدۇق. بۇنىڭدىن كىيىن، كىچىك، ئۇششاق مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، توردا يېشىل يول ئېچىپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بانكىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىمىز. 

 «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش»-- باج تارماقلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولۇش، كارخانا ھوقوق بېرىش شەرتىدە، كارخانىنىڭ بىر قىسىم باج تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنى بانكىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بانكا تارماقلىرى مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئىناۋەتلىك كارخانىلارغا قەرز بېرىدۇ. 2015- يىل 4- ئايدا، «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرى، بانكا- سۇغۇرتا نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋە بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللىدى. نۆۋەتتە، بانكا- باج ئۇچۇر ئالاقىسى «ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىش» تىن «تور» غا كۆچتى. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ياخشى باج تاپشۇرۇش ئىناۋەت خاتىرىسىگە تايىنىپ، توردا قەرز ئىلتىماسىنى تولدۇرۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا 10 مىنۇت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەنلىك قەرزگە ئېرىشەلەيدىغان بولدى. شىنجاڭ باج ئىدارىسى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: باشقا ئىناۋەتلىك قەرزگە سېلىشتۇرغاندا، «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن، بېجىرىش تەرتىپى تېخىمۇ قولاي، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىش ئېھتىياجى جىددىي، سوممىسى ئاز، ئوبوروت تەلىپى تېز بولۇش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. 

 ۋاڭ ۋىي ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، باج يىغىش چوڭ سانلىق مەلۇماتىغا تايىنىپ، «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» تىن نەپكە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ دائىرىسى باج تاپشۇرۇش ئىناۋىتى A دەرىجىلىكتىن M دەرىجىلىككىچە كېڭەيدى. 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باج سىستېمىسىدىكىلەر 28 بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، باج تاپشۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن 12 مىليارد 847 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەتلىك قەرز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2020- يىلىدىكى باج تاپشۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېرىلگەن ئىناۋەتلىك قەرز 6 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، 2019- يىلدىكىدىن 2.4 ھەسسە ئاشتى. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە بانكىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خېرىدار تېپىشى قىيىن بولۇشتەك قوش يۆنىلىشلىك قىيىن مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، باج، بانكا، كارخانىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشتى. نەپكە ئېرىشكەن كارخانىلار يەنە، «بانكا- باج ھەمتۈرتكە بولۇش» چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئارقىلىق ئۆز كارخانىسىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى رىقابەت كۈچى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، باج يۈكى نىسبىتى قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى كۆپ نۇقتىدىن ئىگىلىيەلەيدىغان بولدى. بۇ ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تىجارەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ياخشىلاپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىشىنى كۈچلۈك پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدۇق. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي

相关阅读