ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس ئۆگەندى
【发布时间】2021-03-21  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن (3.20) كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىنلەر يىغىنغا قاتناشتى. 

▲ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا»، «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال- جاۋابلار»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىللىق سىجىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ تارىخ يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى-- جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ ياخشى سەھىپە. پارتىيەنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى بىلىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى» نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. 

▲ چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

▲ بىرىنچى، نىشان- تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئۆزئارا باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. 

▲ ئىككىنچى، مەزمۇننى ئۆگىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن زور نەزەرىيەۋى نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك. 

▲ ئۈچىنچى، قانۇنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ سىياسىي يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش؛ مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تارىخنى بىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. 

▲ تۆتىنچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، قويۇق ئاممىۋىي پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

▲ بەشىنچى، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

相关阅读