تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ «ئەڭ ئالقىشلانغان» قار تېيىلىش مەنزىلگاھىغا ئايلاندى
【发布时间】2021-03-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى جىن لىي خەۋەر قىلىدۇ:

 تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ئارقا- ئارقىدىن تىجارەتنى توختاتتى. ئەمما، بىر نەچچە قېتىم قار ياغقان شىمالىي شىنجاڭ رايونى-- ئىچكى رايونلاردىكى نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى.

 بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، تۇرپان، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا باھار كېلىپ چىچەكلەر ئېچىلدى. ئەمما، شىمالىي شىنجاڭدىكى تىيانشان ۋە ئالتاي تېغى يەنىلا كۈمۈش لىباسقا ئورانغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە ئۇدا بىر نەچچە كۈن قار ياغقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى «يىپەك يولى»، «ئاق بۇلۇت»، ئالتايدىكى «جياڭجۈن تېغى»، «كۆكتوقاي» قاتارلىق بىر قانچە چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى زور بىر تۈركۈم چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە ئادەم ياكى ئون نەچچە ئادەم بىرلىكتە ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ كەلگەن ئىدى. ئىچكى رايوندىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى سۈن خې بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، دوستلىرى بىلەن بىللە كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا كەلدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەلىيىمىز بار ئىكەن. كەلگەن كۈنىمىز كەچتە كۆكتوقايدا قار ياغدى، ئەتىسى تاغقا چىقىپ چاڭغا تېيىلدۇق. قار ناھايىتى يۇمشاق ھەم قېلىن بولغاچقا ناھايىتى راۋان تېيلىدۇق. قار يولىنىڭ ناھايىتى تەكشىلىكىنى، ئۇنچە قاتتىق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ خاتىرجەم تېيىلدىم، ناھايىتى راھەت بولدى!

 باش شۇجى شى جىنپىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ قار- مۇز ئالتۇن پاراللېل بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، قار مەزگىلى ئۇزۇن، قار سۈپىتى ياخشى، چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ چۈشۈش پەرقى چوڭ، چاڭغا تېيىلىشتىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يېقىشلىق، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى شەھەرگە يېقىن، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ياخشى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار قار- مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، قار- مۇز ساياھىتى كەسپىنى زورايتتى. يېڭىدىن قۇرۇلغان كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قىشتا مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ھازىر يېرىم يىلدىن بۇيان يەنىلا ياخشى قار سۈپىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى دۇ ۋېنۋېن مۇنداق دېدى: كۆكتوقاينىڭ ھازىرقى قار سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، بۇ يىل قار پەسلىدىكى تىجارەت پىلانىمىز بويىچە، 5- ئاينىڭ باشلىرىدا ئاندىن تىجارەتنى توختىتىمىز. ھازىر كۈنىگە تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋاتىمىز. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز ھازىرغىچە 110 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى رايونلاردىن كەلگەن ساياھەتچى 90 مىڭدىن ئاشىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىكى چاڭغا تېيىلىش يوللىرىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، بۇ يىل چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى رازى بولدى.

 ئىللىق تېمپېراتۇرا، ئازادە مۇھىت، ئېسىل قار سۈپىتى شۇنىڭدەك ھەر قايسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر-- ئىچكى رايونلاردىكى نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى. شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، قاردا مارافونچە يۈگۈرۈش، سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش، ئاتلىق چانىدا تېيىلىش ۋە ئەيۋېن يولىدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى لى نىنا بۇ قېتىم ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدا بىر ھەپتە چاڭغا تېيىلىشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاخىرقى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يەنە بىر نەچچە كۈن تېيىلىشنى پىلانلىدۇق. بۇ قېتىم ئاساسلىقى ئەيۋېن يولىدا تېيىلىش ئۈچۈن كەلدۇق. ياتقان ھالەتتە چۈشكەن بولساقمۇ، ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، كەيپىياتىم بەك ياخشى، ناھايىتى كۆڭۈللۈك تېيىلدىم.

 نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 58 چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 5S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن تۆتى بار. تۇرپان شەھىرىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى بار. شىنجاڭنىڭ قار- مۇز بايلىقى-- دۆلەت ئىچىدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە تونۇلۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى. يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى «ئەڭ ئىللىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانى» نى قۇرۇپ چىقتى. ئەيۋېن يولى-- چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بېرىشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىدىغان جايغا ئايلاندى. كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى-- مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى ۋە چۈشۈش پەرقى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى شۇنداقلا، مەملىكەت بويىچە تىجارەت ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ھىساپلىنىدۇ. ئالتايدىكى جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، يېشۆ باغچىسى-- «جۇڭگودىكى قار شەھىرى»، «ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەنبەسى» قاتارلىق ماركىلارنى ياراتتى. شىنجاڭ-- مەملىكەت بويىچە ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە چاڭغا تېيىلىش مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جاڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۈرۈمچى قار- مۇز ساياھىتى يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى؛ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قار- مۇز ساياھىتى بەلبېغى ۋە ئالتاي تېغى قار- مۇز ساياھىتى بەلبېغى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بىر قانچە چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر مەركەز، ئىككى تاغ، بىر قانچە نۇقتا» نى ئاساس قىلغان قار- مۇز ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى. قار- مۇز ساياھىتى-- قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

相关阅读