سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇپ چىقىدۇ
【发布时间】2021-03-23  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  «14- بەشيىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇپ چىقىدۇ.

  دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى دېھقان لىڭ شياۋگاڭ كەنتتىكى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت پونكىتىغا كېلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت يان تېلېفون تېرمىنالى ئارقىلىق، 2021- يىللىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى بىر نەچچە مىنۇتتىلا تاماملىدى. لىڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ئامما ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگىلى كەلگەندە جەدۋەل تولدۇراتتى. جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن يەنە بازارغا ئاپىرىپ بېرەتتى، نەچچە قېتىم قاترايتتى. ھازىر كۆپ قولاي بولۇپ كەتتى، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلىساقلا ھەق تاپشۇرۇشنى دەل ۋاقتىدا تاماملىغىلى بولىدۇ.

  بىر قانچە يىل ئىلگىرى، سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتى يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پاسكىنا سۇنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. يەنە مەركىزىي كەنت ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 2019- يىلى «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت- بازار ئېكولوگىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، كەنت «ئىككى كومىتېتى» يېزا- كەنتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلار كومىتېتى تۇرۇشلۇق جاينى دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان رايون مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «ئالاقە تورى بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق 28 مۇلازىمەت تۈرىنى كەنت ئاھالىلار كومىتېتىدىلا تاماملاپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتى پارتىيە باش ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى چۇباۋجىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر تەرەپتىن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇپ چىقىمىز.

  يېزىلارنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى-- جىمىسار ناھىيە چۈەنزىگەي بازىرى شاڭجيۇخۇ كەنتىدىكى ئاھالىلەرگە نەپ يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان سامساق، ياڭيۇ قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور ۋە دۇكاندا ناھايىتى تېزلا سېتىلدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جىمىسار ناھىيە چۈەنزىگەي بازىرى شاڭجيۇخۇ كەنتىدىكى «رەڭدار كېپىنەك باغچىسى» كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى گۈەن فۇيۈن كەنتتىكى تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى ئارقىلىق، جېجياڭ ۋېنجۇدىكى خېرىدارلار زاكاز قىلغان 45 پارچە كېپىنەك ئەۋرىشكىسىنى ئارقا- ئارقىدىن تارقاتتى. گۈەن فۇيۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مال تارقىتىشتا ناھىيە بازىرىغا باراتتۇق، بېرىپ كېلىشكە ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى سائەت ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر بازار ۋە كەنتتە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسى بار بولغاچقا، يېقىن ئەتراپتىلا ئەۋەتكىلى بولىدىغان بولدى، نۇرغۇن ۋاقىت تېجىلىپ قالدى.

 ھازىرغا قەدەر، جىمىسار ناھىيەسىدىكى 13 كەنتتە يېزا ئەشيا ئوبوروت تور نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارغا زور قولايلىق يارىتىلدى. جىمىسار ناھىيە چۈەنزىگەي بازىرى شاڭجيۇخۇ كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ خەيبىڭ مۇنداق دېدى: پوچتا ۋە تەمىنات- سودا قاتارلىق تور نۇقتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئەشيا ئوبوروتى تور نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار يانداش ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىمىز.

  سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى پىلان بويىچە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا-- يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ تەيشى مۇنداق دېدى: يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل كەنت ۋە گۈزەل ھويلا- ئارام بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يول، توك، تور، سۇ قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاممىۋى مەدەنىيلىك مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرىمىز. «14- بەشيىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى پاكىزە ۋە گۈزەل بولۇش، كەنت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشى سەرخىل بولۇش، يېزا تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بىر تۈركۈم گۈزەل يېزا- كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

相关阅读