​مەملىكەت بويىچە مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
【发布时间】2021-05-27  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 مەملىكەت بويىچە مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جۇاڭ گوتەي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

 شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمى غەمخورلىقىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە- ئۈنۈم قولغا كەلدى، بولۇپمۇ جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قايسى ئۆلكە- شەھەرلەردىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك مەلۇمات بېرىش، مۆلچەرلەش، ئاگاھلاندۇرۇش توغرىلىق نىسبىتى مۇقىم ئېشىپ، مېتېئورولوگىيە كاپالىتى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ، مېتېئورولوگىيە ئارقىلىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سېستىما قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە مېتېئورولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مېتېئورولوگىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەر قايسى ساھەسىگە سىڭدۈرۈپ، كۈچلۈك ئاساسى گەۋدە ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزىمى ۋە مۇلازىمەت مېخانىزىمىنى يەنىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم- زور تۈرلەرنى يولغا قويۇش ۋە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئاپتونوم رايون بىلەن مىنىستىرلىق ھەمكارلىقى سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجتىىپ، مېتېئورولوگىيە جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

 جۇاڭ گوتەي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ مېتىئورولوگىيە تارماقلىرى 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى شىنجاڭ مېتىئورولوگىيە خىزمىتىنىڭ نەزەر نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مېتىئورولوگىيە مۇلازىمىتىدىن ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ مەملىكەت بويىچە مېتىئورولوگىيە تارماقلىرى ھاياتلىق بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، تۇرمۇشنىڭ باي- باياشات، ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولۇشىغا مېتىئورولوگىيە ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، «ئۆلچەپ تەكشۈرۈش توغرا، مەلۇمات دەل، مۇلازىمەت ئىنچىكە» بولۇش تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مېتىئورولوگىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ مېتىئورولوگىيە مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا، بىڭتۈەننىڭ سىلىڭيۈەنى پېڭ جيارۈي بىڭتۈەن مېتىئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات تەپەككۈرىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. بېيجىڭ شەھەرلىك، جياڭسۇ ئۆلكىلىك، جېجياڭ ئۆلكىلىك، خۇبېي ئۆلكىلىك مېتىئورولوگىيە ئىدارىسى، دۆلەت مېتىئورولوگىيە مەركىزى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخسىلەر ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى. 

相关阅读