خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھىرىنىڭ ياڭتيەنخۇ يايلىقى مەنزىرە رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئات ئۈستى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
【发布时间】2021-05-27  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ياڭتيەنخۇ يايلىقى مەنزىرە رايونى ئات ئۈستى بايرىمى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چېنجۇ شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. شۇ كۈنى خۇنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق ساياھەتچى «جياشى» نىڭ رولىنى ئېلىپ، ساۋۇت كىيىپ، جەڭ ئېتىغا مىنىپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىككى سەپ بولۇپ ئويۇن ئوينىدى. 

 بۇ قېتىمقى ئات ئۈستى بايرىمى «ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، يايلاقتا ئات چاپتۇرۇش، ئىككى سەپ بولۇپ ئۇرۇشۇش، ساۋۇتلۇق ئەسكەرلەر زەربە بېرىش» تىن ئىبارەت تۆت ھالقىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنە «خەنفۇ كىيىپ ياڭتيەنخۇ يايلىقىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىش» قاتارلىق كۆپ خىل ھەمتۈرتكە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

  ياڭتيەنخۇ يايلىقى مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونىمىز ياڭتيەنخۇ دېھقانلىرى تارقاق باققان ئاتلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ساياھەت ئېتى كوپىراتىپى قۇرۇپ، مەخسۇس باشقۇرۇپ، كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدۇق. نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونىدا 300 دىن ئارتۇق ئات ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىغا سۇنۇلدى. مەنزىرە رايونىمىز كېيىنكى قەدەمدە يەنە تۈرلۈك ئات مىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ».