​ ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ-- كېرىيە ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى سىياسەت، مەبلەغ ۋە تۈر جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

 ھازىر، دەل يازدا مور ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى كۈكەرىن كەنتىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپى باغچە رايونىدىكى مۇر ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، ئىشچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇر زەمبۇرۇغى تاياقچىسىغا تۆشۈك ئېچىپ، زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى ئېسىپ يېتىشتۈرۋاتاتتى. ئىشچى ۋەتەنگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە مۇر ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يېرىم يىل بولدى، ئائىلەمنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم.

 كەسىپ بولمىسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «توختاۋ سۇ» غا ئوخشاپ قالىدۇ. 2019- يىلى، كېرىيە ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، باشلامچى كارخانا، كوپىراتىپ، دېھقان ئائىلىسى» ئۆزئارا بىرلىشىش ئەندىزىسىدە، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇپ، كارخانىلار بىر تۇتاش مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىش- باشقۇرۇش، يىغىش، سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مۇر كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە، كەسىپ باغچە رايونىدا 88 مۇر يېمەكلىك زەمبۇرۇغى پارنىكى بولۇپ، بۇلتۇر، ئومۇمىي پايدىسى 2 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 1 مىڭ 144 ئائىلىنى بىۋاستە نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسىنى 4 مىڭ 111 يۈەنگە يەتكۈزدى ھەمدە 100 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

 كېرىيە ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى «بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات، بىر كەنتتە بىر كەسىپ بولۇش» تىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات پىلانى، «مەبلەغ تۈرگە، تۈر ئېھتىياجغا ئەگىشىش» پىرىنسىپى بويىچە، يېقىنقى بەش يىلدا، تۈرلۈك مەبلەغدىن جەمئىي 3 مىليارد 317 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كۆپ قۇزىلايدىغان گۆش قويى، قىزىلگۈل، مۇر قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى. كېرىيە ناھىيەسى بۇلتۇر 11- ئاينىڭ 14- كۈنى، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، 161 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 31 مىڭ 432 نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. كېرىيە ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن شياۋبو مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەسىپ جەھەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى تۈر ئامبىرىغا 42 تۈرنى كىرگۈزۈش، 1 مىليارد 729 مىليون يۈەن سېلىشنى پىلانلىدۇق. بۇ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، كەسىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەيدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىمىز.

相关阅读