يېڭىسار ئۆرۈكىنى بۇ يىللىق سېتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېڭىسار ناھىيەسى يېقىندا، ئىستېمال جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرىدىكى ئالتە كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاپ، 100 نەچچە توننا يېڭى ئۆرۈك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىسار ئۆرۈكىنى بۇ يىللىق سېتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

 يەرمەنكىدە، يېڭىسار ناھىيەلىك سودا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى شەندۇڭ ئاممىۋى سودا گۇرۇھى «لىكې» سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن 5 توننا ئۆرۈكنى ئالدىن سېتىش توختامى ئىمزالىدى. شەندۇڭ ئاممىۋى سودا گۇرۇھى «لىكې» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ فېڭيۈەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت بۇلتۇر سېتىۋالغان يېڭىسارنىڭ 10 توننا يېڭى ئۆرۈكى شەندۇڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەچكە، بۇ يىل زاكاز مىقدارىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كىرگۈزگەن ئۆرۈكلەرنى ناھايىتى ياخشى ساتتۇق. بۇ قېتىم يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئۆرۈكلەرنىڭ ناھايىتى يېيىشلىك، سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ، سېتىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شۇڭا، 5 توننا ئۆرۈكنى ئالدىن زاكاز قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، مال كىرگۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جىنىڭدىكى ئىستېمالچىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىسار ئۆرۈكىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

 يەرمەنكىدىن كېيىن، جىنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يەنە، جىنىڭ «لىكې» سودا چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ «كەيشېڭ» گۇرۇھى، جىنىڭ «جيۇلۇڭگۈيخې» سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالتە كارخانا ۋەكىللىرىنى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئۆرۈكلۈك، ئۆرۈك پىششىقلاش كارخانىلىرى ۋە كەسپىي كوپىراتىپلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى. يېڭىسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جىنىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قوماندانى سۈن شىجۇڭ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ كارخانىلار بىلەن گۈلە، ئۆرۈك مېغىزى، ئۆرۈك مۇرابباسى قاتارلىق يېڭىسار ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېڭىسار ناھىيەسى بىلەن ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى كەسىپلەرنى شەرقىي قىسىمدىكى چوڭ بازارلار بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

相关阅读