جۇۋ ئېنلەي چۇڭچىڭدا ئىش بېجىرگەن ئەسلىي جاي <جۇۋ گۇڭگۈەن> رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى زېڭ جيايەن 50 ـ نومۇرلۇق ئەسلىي جاي ( جۇۋگۇڭگۇەن) ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىنغان ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلدى. 

  زېڭ جيايەن 50ـ نومۇرلۇق ئەسلىي جاي (جۇۋگۇڭگۈەن) چۇڭچىڭ شەھىرى يۈجۇڭ رايونى جۇڭشەن 4ـ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 882 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. چۇڭچىڭ قىزىل قىيا ئىنقىلابىي تارىخ مۇزېيىنىڭ باشلىقى ما چىكې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «زېڭ جيايەن 50ـ نومۇرلۇق ئەسلىي جاي (جۇۋگۇڭگۈەن) ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، جۇۋ ئېنلەي شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇب بىيۇروسىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئورنى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى چۇڭچىڭ شەھەر رايونىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئالدىنقى قاراۋۇل بازىسى، جەنۇب بىيۇروسى مەدەنىيەت كومىتېتى، ئاياللار گۇرۇپپىسى، ھەربىي ئىشلار گۇرۇپپىسى، تاشقى ئىشلار گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان». 

  زېڭ جيايەن 50ـ نومۇر ئەسلىي جاي ( جۇۋگۇڭگۈەن ) ئالتە ئايغا يېقىن ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، چۇڭچىڭ قىزىل قىيا ئىنقىلابى تارىخ مۇزېيى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تىزىش، بېزەش قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا رېمونت قىلىش ،ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، يېڭى رېمونت قىلىش تېخنىكىسى ۋە ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ چىرىشى، ئۇپرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئىنقىلابىي ئەسلىي جاينىڭ ھەقىقىي تارىخىي قىياپىتى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىنغان.

  كۆرگەزمىدە يەنە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، چۇڭچىڭ سۆھبىتى مەزگىلىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ يەردە ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن تارىخىي كۆرۈنۈشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ 300 دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم ۋە 120 دىن ئارتۇق قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئاۋازلىق چىپار كود ئارقىلىق يېڭىدىن قېزىلغان قىزىل ھېكايىلەر نامايان قىلىنىپ، كۆپ ۋاسىتىلىك سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى كۆپەيتىلىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە تەسىراتىنى بېيىتىشقا تىرىشىلدى.

  چۇڭچىڭ قىزىل قىيا ئىنقىلابى تارىخ مۇزېيى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر قىزىل قىيا ئىنقىلابىي ئەسلىي جايغا بولغان ئومۇميۈزلۈك قوغداش، رېمونت قىلىش ۋە بۇيۇملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆرگەزمە قىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوزغاتتى. ھازىرغا قەدەر،جازىدۇڭ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇب بىيۇروسى ۋە 8ـ ئارمىيەنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى بىناسى، راۋگومونىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، شىنخۇا گېزىتى تىجارەت بۆلۈمى، زېڭ جيايەن 50ـ نومۇرلۇق (جۇۋگوڭگۈەن) قاتارلىق بەش ئىنقىلابىي ئەسلىي جاينىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ھەمدە سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىشنى تاماملىدى.


相关阅读