شۆھرەت زاكىر شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇشۇ ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. چېن چۈەنگو ھەرقايسى ئەلچىلەر بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى يولغا قويۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھېكايىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر پۈتۈن دۇنياغا ئايان، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش، ھاياتلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولدى ھەمدە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقى، ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى-- كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. لېكىن، بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چىقىش قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، پاكىتنى كۆزگە ئىلماي، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن پىتنە- ئىغۋا ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر ئازار بەردى. بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. جۇڭگودا «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن ماقال بار. شىنجاڭ ياخشى جاي، ئەلچىلەرنىڭ كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ كېتىشى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. 

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپ بىر- بىرىگە ئىشىنىپلا قالماي، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلاردىن. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يەرلىك ئىقتىساد- سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناشقۇچى تەرەپ، شىنجاڭ بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يەرلىك ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز.

  زىيارەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، كامېروننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن مۇپانا شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. 

 مارتىن مۇپانا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گۈزەل دۆلەت، قەھرىمان دۆلەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىپ، قارىماققا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. شىنجاڭ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بۇ گۈزەل زېمىننى كۆردۇق، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر، گۈللەنگەن ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇق. شىنجاڭ ئىلگىرى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت بولغاندىلا، گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىللە تۇرۇپ، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن پاكىتلار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈش، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور، كامېرون بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مالاۋىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چارلېس ناموندېۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆردۇق. بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جان- دىل بىلەن خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلىگەنلىكىنىڭ جانلىق دەلىلى، تېخىمۇ مۇھىمى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ بوھتان چاپلىشىغا بېرىلگەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. مالاۋى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى مالاۋى ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، مالاۋى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

  كونگو (براززاۋىل) نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانئېل ئوۋاسا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىلگىرى تېررورىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى توغرىسىدىكى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندە، ئۆمىكىمىزدىكى نۇرغۇن ئەزالىرىمىز كۆز يېشى قىلدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، شىنجاڭ كەسكىن ھالدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆسكەن شىنجاڭنى كۆردۇق. غەرب تاراتقۇلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «ئىرقىي قۇرىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىقلار پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن، بۇ ئەيىبلەشلەر ئىنتايىن كۈلكىلىك بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن يالغانچىلىق ئىكەن. بىز جۇڭگونى قەتئىي قوللايمىز، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايمىز، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

相关阅读