ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس ئۆگەندى
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ▲ ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە تارىخىنى مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز 10- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋېي داپېڭ، مۇئاۋىن باشلىقى شېن چۈەنباۋ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۈنلىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفىي، سارقىت ئاقان، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، چېن چۈەنگو، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۈنلىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسى كېڭەشنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يازما سۆزى قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيىمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى --- پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى- بۇرچى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش- ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت بۇ دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

 ▲ چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىرقاتار مۇھىم بايانلىرى بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى -- پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ھەرىكەت قوللانمىسىغا ئىگە قىلدى . «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت بۇ دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى ئەسلى مەقسەت بۇرچنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان قۇۋۋەت، پارتىيىۋىلىك پەزىلىتىنى تاۋلايدىغان بىلەي، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرلىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى- تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. 

  ▲ چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بايانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۈز يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە نەزەرىيەۋى تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە، نەزەرىيە جەھەتتە، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي تۈردە مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈز يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتنى تونۇپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى--- يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇملۇق» نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى» نى ئېنىق تونۇپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك بولۇپ، كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۈز يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ھېس قىلىپ، خەلققە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت باغلاپ، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن باشتىن-ئاخىر قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. يۈز يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ۋە پەرەز قىلىش تەس بولغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈز يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئىنقىلاب روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلنى ساقلاپ، ئىنقىلاب ئەنئەنىسىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋىي كالىتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تىرىشىپ ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مەنىۋىي كۈچىنى ئۈزۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.  

   ▲ چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوموميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئومومى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبگە سىڭىشى ، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئەزا ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم- پارتگۇرۇپپىلار ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسلىق رەھبىرى يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، سەييار يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىنچىكە ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نىشان ۋەزىپىلەرنى ئوموميۈزلۈك ئىگىلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ئۆگىنىشنى ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش ۋە «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلى تۇرمۇش يىغىنى ۋە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىش كېرەك. مەركىزى خىزمەت بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاش، خىزمەتتە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر تەبرىكلەش كېرەك. 


相关阅读