ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولۇپ ۋە ئىلھام ئېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلاشتى
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولۇپ ۋە ئىلھام ئېلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، كۆپچىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلاشتى. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 392 مىڭ 700 كىشى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. 

 پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق، زور تۈركۈمدىكى كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلاشتى. بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان، 123 كىشى ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان ئىمىن شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر ۋاقىت كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە تەلەپ قويۇپ، يۇرتۇمنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

 شىنجاڭ تېببىي داشۆدە نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ۋە تېببىي خادىم پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى. شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 8- دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى ئالىيە غاپپار بۇ يىل «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى ھەمدە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئالدى بىلەن باراي» بۇ، داۋالاش سىستېمىمىزدىكى ئادەتتىكى بىر جۈملە سۆز بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەرىكەتتۇر. ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۆز قىممىتىمنى جارى قىلدۇرۇپ، بالدۇرراق پارتىيەگە كىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى نازارەت ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى 50 كە يېقىن ئامما سۇنغان پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش- سىزىش نەتىجىلىرى مەركىزى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ كادىرى مارسجان ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى بەختلىك، كۆڭۈللۈك بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولىمەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋاستىسىنى بېيىتىپ، يېقىندىن بۇيان ئىنقىلاب تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، سەھنە تىياتىرى، دېكلاماتسىيە پائالىيىتى، «جۇڭگو ئارزۇيىمىز» ناملىق مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى. بۇنىڭغا قاتناشقان 151 ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى «تەسىر قىلىش» نى «ھەرىكەت» كە ئۆزگەرتىپ، پائال پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئىشخانىسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، تېكىست يازغۇچى ئايشەم ھىمىت مۇنداق دېدى: ئىجادىيەت ئىلھامىم زەربىدارلاردىن، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىدىن كەلگەن. پارتىيە تەشكىلى ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىلھام بېرىپ، پارتىيەگە كىرىش قىزغىنلىقىم ۋە ئاكتىپلىقىمنى قوزغىدى. مەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنى، خەلقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، يېڭى دەۋردىكى بەختلىك تۇرمۇشنى مەدھىيەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا قىلىمەن.

相关阅读