غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش قۇرۇلۇشى» بىرلەشمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش قۇرۇلۇشى» بىرلەشمە يىغىنى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. 

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى سۈي بو، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ زىيۈن، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گۈەنجۈن، گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېن چىڭ، گو تيەنكاڭ، چىڭخەي ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېنچاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا «غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ھەمدە پىكىر-تەكلىپلەر»، «غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلاتى» شەكىللەندۈرۈلدى، «غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش مىخانىزىمى»، «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە بىرلەشمە ئىمزالىق تەكلىپ سۇنۇش توغرىسىدىكى قارار»، «غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ < يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش> بىرلەشمە يىغىنى خاتىرىسى» ماقۇللاندى.

 يىغىنىدا، مۇزاكىرە قىلىش، قاراپ چىقىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىرلىكتە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) نىڭ ئاقىل ساياھەت رايونى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) نىڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇندى.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى : بۇ قېتىملىق يىغىن ئارقىلىق 5 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ماس تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ 5 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشى بويىچە ھەمكارلىشىش-ئالماشتۇرۇش مېخانىزىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىپ شەكىللەندۈردى، مېخانىزمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ-- 5 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، دائىملىشىش يولىغا كىرىشىگە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋىتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشقا مۇقەررەر تۈرتكە بولىدۇ. يىغىندا شەكىللەنگەن نەتىجىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئايلاندۇرۇپ، مېخانىزمنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) نىڭ ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فاڭ ئەيچىڭ مۇنداق دېدى : يىغىندا شەكىللەنگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەر ھەم خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ ، ھەم ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، 5 جاينىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۇزاق، تېخىمۇ نەتىجە-ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ياخشى ئاساس سالدى. 

 بۇ قېتىملىق يىغىندا شەكىللەنگەن مېخانىزم بويىچە، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىلىك ( ئاپتونوم رايونلۇق ) سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ كېلەر يىللىق بىرلەشمە يىغىنىنى شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى.


相关阅读